باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىككى بايرام مەزگىلىدىكى مېھرى شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى ئوبدان ئىشلەيدۇ

2017.01.03 16:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ھوقۇق كاپالەت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۇ بىن مۇنداق دېدى: 2017-يىلىدىكى ئىككى بايرام مەزگىلىدىكى مېھرى شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى ئوبدان ئىشلەش ئۈچۈن مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 400 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەخسۇس مەبلەغ ئاجراتتى. جايلاردىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى يەنە كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق مېھرى شەپقەت يەتكۈزۈش مەبلىغى توپلايدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى توپلىغان مەبلەغ سوممىسى 5 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كېتىدىكەن. ئارخىپ تۇرغۇزۇلغان قىيىنچىلىقى بار ئىشچى-خىزمەتچىلەر، دېھقان ئىشلەمچىلەر ئومۇميۈزلۈك زىيارەت قىلىنىدۇ ھەمدە ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە نەپ يەتكۈزۈش خاراكتېرلىك پاراۋانلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق بارلىق ئىشچى خىزمەتچىلەرگە نەپ يەتكۈزۈلىدۇ.

  ئالدىنقى يىللار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 2017-يىلى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مېھرى شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ مۇنداق ئالاھىدىكى بار: 1-، مېھرى شەپقەت يەتكۈزۈش مەبلىغى سېلىنمىسى كۆپەيتىلىدۇ؛ شەرقىي شىمالدىكى كونا سانائەت بازىلىرى، بايلىقى تۈگەپ كەتكەن كان رايونلىرى، كونا ئىنقىلابى تايانچ بازا رايونلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چېگرا رايونلار، نامرات رايونلار قاتارلىقلارغا ئېتىبار بېرىش سالمىقى زورايتىلىدۇ. 2-، مېھرى شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيىتىدە تۈزۈم كاپالىتى گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ. 3-، مېھرى شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيىىتىدە جەمئىيەتتىكى ئاممىۋى پاراۋانلىق بايلىقى قىيىنچىلىقى بار ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا قاتنىشىشقا نۇقتىلىق يېتەكلىنىدۇ.

  سۇ بىن مۇنداق دېدى: ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ياردەم بېرىش خىزمىتى كۈندىلىك، ئادەتتىكىدەك، ھەمىشە ئېلىپ بېرىشقا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، بۇ بىر مەھەللىك بولمايدۇ، بۇنىڭدا شەكىلۋازلىق قىلىنمايدۇ.

  ئىككى بايرامدا مېھرى شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا چوڭ بايراملاردىن پايدىلىنىپ، ياردەم بېرىشنىڭ يېتەكچىلىك، ئۈلگىلىك رولىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر