باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى: بۇ قېتىملىق ئېغىر بۇلغىنىش ھاۋا رايى 7-يانۋارغىچە داۋاملىشىدۇ

2017.01.03 16:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 2-يانۋار مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، پايدىسىز ھاۋا رايىنىڭ تەسىرىدە 3-يانۋاردىن 7-يانۋارغىچە، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي ۋە ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ بۇلغانما ماددىلارنىڭ تارقىلىشى ناچار بولۇپ، ئېغىر بۇلغىنىش ھاۋا رايى داۋاملىشىدىكەن، قىسمەن رايونلار ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشى مۇمكىنكەن.

  4-يانۋاردىن 5-يانۋارغىچە، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمىدىكى شەرقىي شىمال ئاجىز ھاۋا ئېقىمى ۋە رايون خاراكتېرلىك ھۆل-يېغىن قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، ئومۇمىي بۇلغىنىش ۋەزىيىتى بىر ئاز ياخشىلىنىدىكەن، لېكىن قىسمەن شەھەرلەرنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىش سەۋىيەسى ئۆزگەرمەيدىكەن. 8-يانۋار كەچتىن باشلاپ، سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، ھاۋا سۈپىتى شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ تەدرىجىي ياخشىلىنىدىكەن.

  ھازىر، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي ۋە ئەتراپتىكى رايونلار شۇنداقلا شەنشى ئۆلكىسىدىكى 72 شەھەر ئېغىر بۇلغىنىش ھاۋا رايىنىڭ سېرىق رەڭلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئاگاھلاندۇرۇشىنى چىقارغان ياكى ساقلىغان. جايلاردىكى تەكشۈرۈش ۋە قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار تۈرلۈك جىددىي كاپالەت تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، ئېغىر بۇلغىنىش ھاۋا رايى تەسىرىنى ئازايتقان. ھەر قايسى ئۆلكە، شەھەرلەر قانۇن ئىجرا قىلىش، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشكە 40 مىڭدىن ئارتۇق خادىم ئاجرىتىپ، 30 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق كارخانا، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىنى، 60 مىڭدىن ئارتۇق ئاپتوموبىللارنى تەكشۈرگەن. جايلار بەلگىلىمىگە خىلاپ 500دىن ئارتۇق كارخانا، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىنى تەكشۈرۈپ بايقاپ جازالىغان، قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ 10 مىڭدىن ئارتۇق ئاپتوموبىلنى جازالىغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر