باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئېلىمىزنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەئىس دۆلەتلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن باشقا ئەزا دۆلەت رەھبەرلىرىگە خەت يازدى

2017.01.03 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەئىس دۆلەتلىك ۋەزىپىسىنى رەسمىي ئۈستىگە ئالغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى تېمېر، ھىندىستان زۇڭلىسى مودىغا خەت يېزىپ، تۆت دۆلەت رەھبىرىگە جۇڭگونىڭ رەئىس دۆلەتلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان مەزگىلدە، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇساپىسىدىكى تەسەۋۋۇرىنى تونۇشتۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 9-قېتىملىق ئۇچرىشىشىنى 2017-يىلى 9-ئايدا فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شيامېن شەھىرىدە ئۆتكۈزىدۇ. ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقى تۇنجى 10 يىلنى مۇۋەپپەقىيەتلىك باشتىن كەچۈرۈپ، سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئادىمىيەت قاتارلىق كۆپ ساھەلەردە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. رەھبەرلەرنىڭ ئۇچرىشىش مۇساپىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى قەدەم بېسىلىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇلدى. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىلىرى، دەپ ئاتالدى، ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەر خەلقىگە بەخت يارىتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يەر شارىنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، خەلقئارا مۇناسىۋەتنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر