باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز ئالىملىرى چوڭقۇر دېڭىز سۇ ئاستى كوئوردېنات سانلىق مەلۇماتىنى رېئال ۋاقىتلىق يوللاشتىن ئىبارەت دۇنياۋى قىيىن مەسىلىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەل قىلدى

2017.01.03 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېلىمىزنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد «ئىلىم-پەن» ناملىق دېڭىز-ئوكياننى ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش پاراخوتى 2016-يىللىق ئىسسىق بەلباغ غەربى تىنچ ئوكياننى ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش سەپىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن 2-يانۋار چىڭداۋنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدىكى يېڭى رايونغا جايلاشقان پورتقا قايتىپ كەلدى. ئېلىمىز ئالىملىرى بۇ قېتىملىق سەپىرىدە ئىككى يۈرۈش چوڭقۇر دېڭىز سۇ ئاستى كوئوردېناتنىڭ سانلىق مەلۇماتنى رېئال ۋاقىتلىق يوللىشىنى ئۆزگەرتىپ، چوڭقۇر دېڭىزنى كۆزىتىش سانلىق مەلۇماتىنى رېئال ۋاقىتلىق يوللاشتىن ئىبارەت دۇنياۋى قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلدى.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دېڭىز-ئوكيان تەتقىقات ئورنىنىڭ پارتكوم شۇجىسى، مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ فەن مۇنداق دېدى: دېڭىز-ئوكياننى رېئال ۋاقىتلىق كۆزىتىش سانلىق مەلۇماتى ئۇزاق مەزگىل سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يىراقتىن سېزىش ۋە لەيلىمە بەلگىگە تايىنىپ كەلدى. سۇ ئاستى ۋە چوڭقۇر دېڭىزنى كۆزىتىشكە ئىشلىتىدىغان سۇ ئاستى كوئوردېناتنى يىلدا پەقەت بىر قېتىم يىغىپ سانلىق مەلۇماتقا ئېرىشكىلى بولىدۇ، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يىراقتىن سېزىش ۋە لەيلىمە بەلگىگە ئوخشاش رېئال ۋاقىتلىق سانلىق مەلۇماتقا ئېرىشكىلى بولمايدۇ.

  ۋاڭ فەن مۇنداق دېدى: چۈنكى سۇ ئاستى كوئوردېناتنىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى بىر لەيلىمە جىسىم دېڭىز يۈزىدىن يەنە 400-500 مېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى دېڭىز سۈيىدىن كېسىپ ئۆتۈپ سۈنئىي ھەمراھقا يوللىغىلى بولمايدۇ. بۇ قېتىملىق سەپەردە ئىلمىي تەتقىقات ئەترىتىدىكىلەر سۇ يۈزىگە سانلىق مەلۇماتنى رېئال ۋاقىتلىق يوللايدىغان بىر لەيلىمە جىسىم قويدى، ئۇ سۇ ئاستى كوئوردېناتى بىلەن سىمسىز ۋە سىملىق ئىككى خىل ئۇسۇلدا ئۇلىنىدۇ. سۇ ئاستى كوئوردېناتى سانلىق مەلۇماتنى لەيلىمە جىسىمغا يوللاپ بەرگەندىن كېيىن، لەيلىمە جىسىم ئۇنى سۈنئىي ھەمراھقا يوللاپ بېرىدۇ، ئاندىن سۈنئىي ھەمراھ ئۇنى يەنە قۇرۇقلۇقتىكى تەجرىبىخانىغا يوللاپ بېرىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر