باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ئۆزبېكىستان دوستلۇق ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ بەخت يارىتىدۇ

2017.01.03 16:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  25 يىل ئىلگىرى، يېڭى يىل يېتىپ كەلگەن خۇشال پەيتتە، جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان، شۇندىن ئېتىبارەن ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇق ئالاقىسى تارىخىدا يېڭى بىر سەھىپە ئېچىلغان ئىدى. بۇ كۈن يەنە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق بايرىمىغا ئايلاندى.

  2-يانۋار جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 25 يىللىق خاتىرە كۈنى. يېقىندا جۇڭگونىڭ ئۆزبېكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈن لىجې تاشكەنتتە شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 25 يىل ئىلگىرى، يېڭى يىل يېتىپ كەلگەن خۇشال پەيتتە، جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان، شۇندىن ئېتىبارەن ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇق ئالاقىسى تارىخىدا يېڭى بىر سەھىپە ئېچىلغان ئىدى. بۇ كۈن يەنە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق بايرىمىغا ئايلاندى.

  سۈن لىجې مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ دوستلۇق ئالاقىسى قەدىمى يىپەك يولى دەۋردىن باشلانغان، ئىككى مىڭ نەچچە يىل ئىلگىرى، قەدىمىي ئىككى مىللەت بىرلىكتە يىپەك يولىنىڭ گۈللىنىشىدەك ئاجايىپ مۆجىزىنى يارىتىپ، شەرق غەرب دوستلۇق ئالاقىسى، ئۆز ئارا ئەينەك قىلىش ئۇلۇغ مۇساپىسىنى باشلاپ، دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشقان ئىدى. يىپەك يولى جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ قىممەتلىك بايلىقى ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى تۇتاشتۇرىدىغان رىشتىگە ئايلاندى.

  سۈن لىجې مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ مۇناسىۋىتى خەلقئارا بوران چاپقۇن ئۆزگىرىشىنى باشتىن كەچۈرۈپ، باشتىن ئاخىرى ياخشى تەرەققىي قىلىپ كەلدى ھەمدە دەۋرنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى مەزمۇن قوشتى. جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى 2016-يىلى تارىختىكى ئەڭ ياخشى دەۋرگە كىردى. 2016-يىلى 6-ئايدا ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىگە يۈكسەلدۈردى ھەمدە ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش، «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، كېيىنكى باسقۇچلۇق جۇڭگو ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  سۈن لىجې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 25 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ سىياسىي جەھەتتە يۈكسەك دەرىجىدە بىر بىرىگە ئىشەندى، باشتىن ئاخىرى باراۋەر ۋە ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش پىرىنسىپى ئاساسىدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇردى. ئىككى تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئاسىيا ئۆز ئارا ماسلىشىش ئۆز ئارا ئىشەنچ تەدبىرلىرى يىغىنى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدە قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، مەيدانلىرىنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى ئۈنۈملۈك قوغدىدى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا ئىجابىي تۆھپە قوشتى.

  سۈن لىجې مۇنداق دېدى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ سودا سوممىسى 70 ھەسسىگە يېقىن ئاشتى، جۇڭگونىڭ ئۆزبېكىستانغا سالغان مەبلىغى ۋە قەرز ئومۇمىي سوممىسى 7 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشتى. جۇڭگو ئۆزبېكىستاننىڭ 1- چوڭ مەبلەغ سېلىش مەنبەيى ۋە 2- چوڭ سودا شېرىكىگە ئايلاندى. ئۆزبېسكتاندا تىجارەت قىلىۋاتقان جۇڭگو كارخانىلىرى تەخمىنەن 700 گە يېتىپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دەسلەپكى مەزگىلدىكىنىڭ 35 ھەسسىگە يەتتى، ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتى، ئۇل ئەسلىھە ، سانائەت باغچە رايونى، يېزا ئىگىلىكى، تېلېگراف، توقۇمىچىلىق، سۇچىلىق سۇغۇرۇش قاتارلىق نۇرغۇن كەسىپلەرنى قاپلىدى.

  سۈن لىجې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى تەرەپ يەنە ئادىمىيەت ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇدى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۆزبېكىستان كۆپ قېتىم جۇڭگودا كىنو ھەپتىلىكى، ساياھەتچىلىكنى تەشۋىق قىلىش يىغىنى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى، «شەرقتىكى مېلودىيە» خەلقئارا مۇزىكا بايرىمىنىڭ نامى بارغانسېرى زورايدى. جۇڭگو ئۆزبېكىستان يېڭى يىللىق مۇزىكا كېچىلىكى، «شادلىققا چۆمگەن چاغان» قاتارلىق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ ئىككى دۆلەت ئاممىسىنىڭ قەلبىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم كۆۋرۈككە ئايلاندى. ئىككى تەرەپ بىر بىرىنىڭ دۆلەت تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشقا پائال ئىلھام بەردى، جۇڭگودىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۆزبېكستان تەتقىقات مەركىزى، تۆت ئۇنىۋېرستېتتا ئۆزبېك تىلى دەرسلىكى ئېچىلدى. تاشكەنت ۋە سەمەرقەنتتىكى ئىككى كۇڭزى ئىنستىتۇتى ياخشى باشقۇرۇلدى، ئۆزبېكستاندىكى كۆپ مەكتەپلەردە خەنزۇ تىلى فاكۇلتېتى ياكى خەنزۇ تىلى دەرسى ئېچىلدى، جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ تارىخشۇناسلىرى ۋە ئارخېئولوگلىرى كۆپ يىللاردىن بۇيان بىرلىشىپ ئاسارە ئەتىقىلەرنى تەكشۈرۈش ۋە قەدىمىي يادىكارلىقلارنى رېمونت قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ تارىخىي قىياپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  سۈن لىجې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ئۆزبېسكتاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. نۆۋەتتە جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا، يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىگە دۇچ كەلمەكتە. جۇڭگو ئۆزبېسكتان بىلەن ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بەرگەن يوليورۇقنىڭ روھىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆتكەن 25 يىللىق جۇڭگو ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ شانلىق تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ بەخت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر