باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

2016-يىل خۇلاسىلىنىپ، 2017-يىلىغا نەزەر سېلىندى

2017.01.03 15:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2017-يىلى يېتىپ كەلدى، يەر شارىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، نۇرغۇن دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى كەينى-كەينىدىن يېڭى يىلنى تەبرىكلەپ سۆز قىلدى، ئۆتمۈشنى ئەسلەپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، ئۈمىد ۋە ئارزۇسىنى يەتكۈزدى.

  2017-يىلى يېتىپ كەلدى، يەر شارىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، نۇرغۇن دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى كەينى-كەينىدىن يېڭى يىلنى تەبرىكلەپ سۆز قىلدى، ئۆتمۈشنى ئەسلەپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، ئۈمىد ۋە ئارزۇسىنى يەتكۈزدى.

  ئۆتكەن بىر يىلدا تېررورلۇق تۇمانلىرى يەنىلا دۇنياغا تەھدىت سالدى، ئامېرىكىنىڭ ئورلاندودىكى زور كۆلەملىك قىرغىنچىلىقتىن، فىرانسىيەنىڭ نىستىكى ئېچىنىشلىق ۋەقەگىچە، ئىراقنىڭ باغداد شەھىرىدىكى سودا سارىيىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىشتىن، گېرمانىيەنىڭ بېرلىندىكى روژدېستۋا بازىرىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەگىچە كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە كىشىلەر ھاياتىدىن ئايرىلدى، ئۆتكەن بىر يىلدا غەربى ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقا، ئاسىيا ياۋروپادىكى نۇرغۇن رايونلار يەنىلا داۋالغۇش ئىچىدە تۇردى، خەلق توقۇنۇشنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى كۆرەلمىدى ۋە ئۇرۇش داۋامىدا ئازاپ چەكتى. يېڭى يىلدا تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر ئىستانبۇلدا يەنە بىر قېتىم تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى.

  گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل تەبرىك خېتىدە ئەركىنلىك، كەڭ قورساق بولۇش، ئېچىۋېتىشنى مۇراجىئەت قىلدى، بۇ تېررورلۇقتىن تېخىمۇ قۇدرەتلىك، دېدى. تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردوئان تېررورلۇق تۈگىگەنگە قەدەر تېررورلۇققا داۋاملىق زەربە بېرىدىغانلىقى ھەققىدە قەسەم بەردى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يېڭى باش كاتىپى گۇتىرېس ۋەزىپىگە ئولتۇرغان تۇنجى كۈنى تىنچلىقنى مۇراجىئەت قىلدى، 2017-يىلى تىنچلىق يىلى بولىدۇ، دېدى. زىددىيەت، توقۇنۇش، قىرغىنچىلىق، ئۇرۇش ئىچىدە ھېچكىم يەڭگۈچى ئەمەس. ئىختىلاپلاردىن ھالقىپ، سۆزلىشىنى قانات يايدۇرۇش تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يۆنىلىشى.

  تەبرىك سۆزىگە ئىختىلاپلارنى يېڭىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەش ساداسى مۇجەسسەملەنگەن.

  ئۆتكەن بىر يىلدا ياۋروپادا نارودنكلىك دولقۇنى باش كۆتۈردى، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشى ياۋروپانى بىرگەۋدىلەشتۈرۈشكە زەربە بولدى، ياۋروپانىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىختىلاپ كۈچەيدى، ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى چوڭ سايلام ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان قۇتۇپلىشىش ۋە بۆلۈنۈشنى ئاشكارىلىدى، يەرشارىلاشتۇرۇشقا قارىشى تۇرۇش خاھىشى روشەنلەشتى. لاتىن ئامېرىكىسىدا ئوڭ-سول قانات كۈچلەر تىرىكىشىشكە باشلىدى، ئىچكى قىسىمدىكى زىددىيەت ئېغىرلاشتى.

  2017-يىلىغا نەزەر سالىدىغان بولساق ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش دۆلەتكە ئىختىلاپ ۋە مۇقىمسىزلىق ئېلىپ كەلدى، ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى تېرىسسا مېي بىزنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىمىز يۈكسەك جاسارىتىمىز ئىتتىپاقلىشىشتا، دېدى. مېركىل ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بىرلىشىپ، نوقۇل دۆلەتتىن ھالقىپ كېتىدىغان تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلدى. پات ئارىسىدا ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئوخشاشلا ئاخىرقى ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى ئىشقا سېلىپ، دۆلەتنى ئالغا ئىلگىرىلىتىشنى ئۈمىد قىلدى.

  تەبرىك خېتىدە قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلىش مۇراجىئەت قىلىندى ۋە تەشەببۇس قىلىندى.

  بان كىمون ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، ھەرقايسى دۆلەتلەرنى ئۆز دۆلىتىنىڭلا مەنپەئەتىگە ئېتىبار بېرىشتەك تەپەككۇر شەكلىدىن ۋاز كېچىپ، دۇنيانى بىر ئورتاق گەۋدىگە ئايلاندۇرۇشقا دەۋەت قىلدى، داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى ئاخىرقى بىر قېتىمقى يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: ئاخىرقى خىزمەت ئورنۇمدا چىڭ تۇرۇپ، "پارىژ كېلىشىمى"دىن ئىبارەت بۇ خەلقئارا جەمئىيەت ھاسىل قىلغان زور نەتىجىنى قوغدايمەن.

  يېڭى يىل كىرىشى بىلەن يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى يەنىلا ئاستا بولىدۇ، دۇنيا ئېچىۋېتىش ۋە كونسېرۋاتىپلىق، ھەمكارلىشىش ۋە بېكىنمىچىلىك، ئىسلاھ قىلىش ۋە كونىلىقنى ساقلاپ قېلىشتەك مۇھىم تاللاشقا دۇچ كېلىدۇ. مۇشۇ خىرىسلار ئالدىدا، خەلقئارا جەمئىيەت قول تۇتۇشۇپ، ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتكەندىلا، ئاندىن قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، يەر شارىنى تېخىمۇ تىنچ قىلىپ قۇرۇپ چىقالايدۇ ۋە گۈللەندۈرەلەيدۇ.

  ئالەم بىر تۇتاش، ھەممەيلەن بىر ئائىلە كىشىلىرى، بۇ جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەزەلدىن بۇيانقى تەشەببۇسى. جۇڭگو خەلقى ئۆزلىرىنىڭ ياخشى كۈن كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىپلا قالماستىن، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭمۇ ياخشى كۈن كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. 2017-يىلى بىر يول بىر بەلباغ خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىدە ھەرقايسى تەرەپلەردىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلار تەرەققىيات زور پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىدۇ، جۇڭگو يەنە ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رەئىسلىكىنى رەسمىي ئۆتكۈزۈۋالدى، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر ھەمكارلىقى 2- ئون يىلنى باشلايدۇ. جۇڭگو ئارزۇسى بىلەن دۇنيا ئارزۇسى ئۆز-ئارا تۇتۇشۇپ، گىرەلىشىپ كېتىدۇ.

  ئۈمىد بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. تارىخى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا مەيلى يەر شارىنىڭ قەيىرىدە بولايلى يەڭنى تۈرۈپ تىرىشىپ ئىشلەش- قاتتىق قائىدە، ئىتتىپاقلىشىش، كەڭ قورساق بولۇش، ھەمكارلىشىش- دۇنيادىكى توغرا يول.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر