باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چاغاننىڭ ئالتىنچى كۈنىدىكى قايتىش بېلىتى بۈگۈندىن باشلاپ سېتىلىدۇ

2017.01.04 14:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- يانۋار بېيجڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈندىن باشلاپ، تۆمۈر يول سىستېمىسىدا چاغاننىڭ ئالتىنچى كۈنىدىكى پويىز بېلىتى سېتىلىدۇ، قايتىش سەپىرىگە ئاتلانغان يولۇچىلار ئېقىمى يۇقىرى پەللە مەزگىلىدىكى پويىز بېلىتىنى تالىشىپ سېتىۋالماقچى بولغان يولۇچىلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇڭ.

  بېلەتنى ئالدىن سېتىش ۋاقتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشىغا ئاساسەن، بۈگۈندىن باشلاپ تۆمۈر يول تارماقلىرىدا چاغاننىڭ ئالتىنچى كۈنى (2-ئاينىڭ 2-كۈنى)نىڭ پويىز بېلىتى سېتىلىدۇ.

  تۆمۈر يول تارماقلىرىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، چاغانلىق دەم ئېلىش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، چاغاننىڭ ئالتىنچى كۈنى يولۇچىلار مەركەزلىك قايتىش سەپىرىگە ئاتلىنىدىغان ئەڭ يۇقىرى پەللە بولۇپ قالىدىكەن، شۇنداقلا قايتىدىغان باسقۇچتىكى بېلەت سېتىۋېلىشنىڭ ئەڭ نىشانلىق كۈنىگە ئايلىنىدىكەن. ئىلگىرىكى يىللاردىكى چاغانلىق تۆمۈر يول تىرانسپورتى قانۇنىيىتىدىن مۆلچەرلىنىشىچە، بۈگۈندىن باشلاپ ئۇدا ئۈچ كۈن تۆمۈر يول تارماقلىرىدا قايتىش بېلىتى سېتىش يۇقىرى پەللىسى بولىدىكەن. چاغاننىڭ سەككىزىنچى كۈنىدىن كېيىن قايتىش سەپىرىگە ئاتلانغان يولۇچىلار ئېقىمى تەدرىجىي ئازايتىپ، يۈەنشياۋ بايرىمىدىن كېيىن يەنە بىر قايتىش سەپىرىگە چىققان يولۇچىلار دولقۇنى يۇقىرى پەللىسى كۆرۈلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر