باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى شيا شىڭخۇا ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن پارتىيەدىن قوغلاندى

2017.01.04 14:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- يانۋار بېيجڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- يانۋار، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ تەستىقى بىلەن، ج ك پ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى شيا شىڭخۇانىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق، شيا شىڭخۇا پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرى بولۇپ تۇرۇغلۇق ئىنتىزام ئېڭى سۇس بولۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان، كاماندىروپكىغا چىقىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ساياھەت قىلغان، بەلگىلىمىگە خىلاپ گولف توپ ئوينىغان ھەم باشقىلارغا چىقىم قىلدۇرغان؛ تەشكىلىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار شەخسىي ئىشلارنى دوكلات قىلمىغان، تەشكىل خەت ئارقىلىق سۈرۈشتە قىلغاندا، مەسىلىنى ئەينەن تاپشۇرمىغان؛ پاك ـ دىيانەتلىك بولۇش ئىنتىزامىغا خىلاپ ھالدا سوۋغات قوبۇل قىلىپ، شەخسىي خىراجىتى چىقىمىنى باشقا ئۇرۇن ۋە باشقىلارغا چىقىم قىلدۇرغان؛ بازار باھاسىدىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەن باھادا ئۆي سېتىۋېلىپ، شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلىگەن.

  «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشى ھەم ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقى بىلەن، شيا شىڭخۇاغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىش قارار قىلىنىپ، مۇدىر بۆلۈم ئەزاسى دەرىجىلىك پېنسىيە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇش بېكىتىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر