باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«يېڭى يىللىق» قىسقا دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىنجاڭ تۆمۈر يول تارماقلىرى جەمئىي 379 مىڭ نەپەر يولۇچى توشۇپ، يولۇچى توشۇش نىسبىتى بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن 24.6% ئاشتى

2017.01.03 17:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017- يىلى «يېڭى يىللىق» قىسقا دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى يولۇچى توشۇش خىزمىتى 1- ئاينىڭ 2- كۈنى غەلبىلىك ھالدا ئاياغلاشتى. مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ تۆمۈر يول تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە، «يېڭى يىللىق» قىسقا دەم ئېلىش مەزگىلىدە تۆمۈر يول تارماقلىرى جەمئىي 379 مىڭ نەپەر يولۇچى توشۇغان بولۇپ، ئوتتۇرا ھىساب بىلەن كۈنىگە 95 مىڭ نەپەرگە توغرا كىلىدىكەن. 2016- يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 75 مىڭ نەپەر ئادەم ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى %24.6 بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ ئىچىدە توشۇلغان يولۇچى 287 مىڭ نەپەر بولۇپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن 65 مىڭ نەپەر ئادەم ئاشقان. ئېشىش نىسبىتى %29.4 بولغان. شىنجاڭنىڭ سىرتىغا توشۇلغان يولۇچى 93 مىڭ نەپەر بولۇپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن 10 مىڭ نەپەر ئادەم ئاشقان. ئېشىش نىسبىتى %11.9 بولغان.

  شىنجاڭ تۆمۈر يول يولۇچى توشۇش تارماقلىرى خىزمەتچى خادىمىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، «يېڭى يىللىق» قىسقا دەم ئېلىش مەزگىلىدە تۆمۈر يول ترانسپورتى 12- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن 1- ئاينىڭ 2- كۈنىگىچە جەمئىي تۆت كۈن بولۇپ، يولۇچىلار ئاساسلىقى ئوقۇغۇچىلار، ساياھەتچىلەر ۋە ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنى يوقلاش ئۈچۈن چىققانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر