باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەركەز قىش ۋە ئەتىيازلىق تۇرمۇش قىيىنچىلىقى ئۈچۈن 319 مىليون يۈەنلىك ياردەم پۇلى ئاجرىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاپەتكە ئۇچرىغان قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ قىشنى بىخەتەر ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى

2017.01.04 13:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىر لى لىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا مەركەز قىش ۋە ئەتىيازلىق تۇرمۇش قىيىنچىلىقى ئۈچۈن 319 مىليون يۈەنلىك ياردەم پۇلى ئاجرىتىپ، ئاساسلىق ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قىش ۋە ئەتىياز مەزگىلىدىكى ئاشلىق، كىيىم-كېچەك، يوتقان-كۆرپە، ئىسسىنىش قاتارلىق تۇرمۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلغان. شۇنىڭ بىلەن، ئاپەتكە ئۇچرىغان ۋە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ بايرامنى ۋە قىشنى ياخشى، بىخەتەر ۋە ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە ئۈنۈملۈك ھالدا كاپالەتلىك قىلدى.

  كۈچلۈك ئېلىئونېز ھادىسىسىنىڭ تەسىرىدە، 2016- يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھاۋا كىلىماتى نورمالسىز بولۇپ، ناچار ھاۋارايى كۆپىيىپ، قارا-يامغۇر، كەلكۈن، ۋە قار-شىۋىرغان قاتارلىق ئاپەتلەر كۆپ يۈز بەرگەن. ئاپەت يۈز بەرگەندىن كىيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى ئاپەتكە قارشى تۇرۇش ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تېز سۈرئەتتە ئورۇنلاشتۇرۇپ، دەل ۋاقتىدا ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ۋە مەلۇم قىلىش ئۈچۈن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسلىق تۇرمۇشىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر