- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگولۇق ئالىم ۋېگا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
2017.01.04 14:33 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- يانۋار بېيجڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىۋېتسىيە ئىنسانشۇناسلىق ۋە جۇغراپىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكى مۇزلۇقى ۋە مۇھىتىنى تەتقىق قىلىش جەھەتتە قوشقان تۆھپىسى كۆزدە تۇتۇلۇپ، 2017-يىللىق ۋېگا مۇكاپاتى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ياۋ تەندۇڭغا بېرىلگەن. ياۋ تەندۇڭ تۇنجى بولۇپ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن جۇڭگولۇق ئالىم، شۇنداقلا مۇشۇ ئالاھىدە شەرەپكە ئېرىشكەن تۇنجى ئاسىيالىق ئالىم ھېسابلىنىدۇ.
سۈرەتتە: ياۋ تەندۇڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇرماقتا
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر