تۈركىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمدا قازا قىلغان لىۋانلىقلارنىڭ جەسىتى بېيرۇتقا ئىلىپ بېرىلدى
2017.01.04 13:27 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىشتا قازا قىلغان لىۋانلىق ئۇچ كىشىنىڭ جەسىتى 2-يانۋار كەچتە بېيرۇتقان ئىلىپ بېرىلدى. لىۋان زۇڭلىسى سائەد ھەرىرى كابىنېتتىكى كۆپلىگەن مىنىستىرلارنى باشلاپ ئايرودۇرۇمغا چىقىپ كۈتۈۋالدى.
ھەرىرى ئايرودۇرۇمدا سۆز قىلىپ، لىۋاننىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ تېررورلۇققا زەربە بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە تەزىيە بىلدۈردى، يارىدار بولغانلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن ھال سورىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر