باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇنجى تۈركۈمدىكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك تاكسىلار يولغا چىقتى

2017.01.04 14:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- يانۋار بېيجڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇنجى تۈركۈمدىكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك تاكسىلار قۇمۇلدا يولغا چىقتى.

  2016- يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى، قۇمۇل شەھىرى قۇمۇل سانائەت رايونىنىڭ شىمالى قىسمىدىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر باغچىسى يېڭى ئېنېرگىيەلىك تاكسىلارنى زەرەتلەش رايونىدا يولغا چىقىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، 60 يېڭى ئېنېرگىيەلىك تاكسى ئاستا - ئاستا يولغا چىقتى. بۇ بىر تۈركۈم ساپ يېڭى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ تىپى بىيادى E 6، بىر قېتىم توك قاچىلىسا تەخمىنەن 2.5 سائەت يېتىدۇ، 300 كىلومېتىر ماڭالايدۇ، سائەتلىك سۈرئىتى 100 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، بۇلغىما چىقارماسلىق، شاۋقۇنى ئاز، تەننەرخى تۆۋەن، يۈرۈش مۇقىملىقى يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە .

  «شىنجاڭنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈش» ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ۋە مۇقىم ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىرى ھېسابلىنىدۇ. قۇمۇل شەھىرى دۆلەت دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە بازىسى، بولۇپمۇ دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون نۇقتىلىق بەرپا قىلغان 10 مىليون كىلوۋاتلىق شامال ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بايلىقى مول بولۇپ، ھازىر ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئاپتوموبىللارغا ئېنېرگىيە قاچىلاش 183 مىليون 740 مىڭ كىلوۋاتقا (بىڭتۇەننىڭمۇ شۇنىڭ ئىچىدە)، يىللىق توك ھاسىل قىلىش ئىقتىدارى 520 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتتى. مۆلچەرلىنىشىچە، 2016 ـ يىلى پۈتۈن بىر يىلدا توك ھاسىل قىلىش مىقدارى 35 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يېتىدۇ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى تەخمىنەن 56 مىليارد 700 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى چوڭ بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر