باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇي شىنشىنىڭ قىزى دانىيە ساقچى تەرىپىدىن تۆت ھەپتە تۇتۇپ تۇرۇلدى

2017.01.04 13:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورېيەنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ۋەقەسىدىكى يادرولۇق شەخس بولغان سۇي شىنشىنىڭ قىزى 1-يانۋار دانىيەنىڭ ئالبوروك شەھىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كىيىن، 2-يانۋار شۇ يەردىكى سۇتتا ئىسپات ئاڭلاشقا قاتناشقان.ئالبوروك سوت مەھكىمىسى ئارقىدىن، ئۇنىڭ دانىيەدە تۆت ھەپتە تۇتۇپ تۇرۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ئالبوروك شەھىرى جايلاشقان بىردىلان رايونلۇق ساقچى تەرەپ نۆۋەتتە بۇ دېلونى دانىيەنىڭ باش تەپتىش ئىشخانىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى، بۇ ئىشخانىنىڭ دانىيەدە چەتئەللىكلەرگە چېتىلىدىغان ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ ئىشخانىنىڭ مەسئۇلى تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: دانىيە تەپتىش تەرەپ كورېيە ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ دانىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش توغرىسىدىكى ئىلتىماسىنى رەسمىي سۇنۇشىنى تەلەپ قىلسا ئاندىن ئۇنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش بەرمەسلىك مەسىلىسى توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ.

  دانىيە ساقچى تەرەپ مۇنداق دېدى: سۇشىئەننىڭ قىزى ئۆزىنىڭ كورېيە ساقچىلرىنىڭ تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى، كورېيەنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل مۇستەقىل تەپتىش گۇرۇپپىسى ئۆتكەن ئايدا خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ سۇشىئەننىڭ قىزىنى تۇتۇش توغرىسىدا قىزىل رەڭلىك بۇيرۇقى چىقىرىشىنى تەلەپ قىلغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر