باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەملىكەتلىك تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

ليۇ يۈنشەن يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى

2017.01.04 16:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنى 3-يانۋار بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيلىق ئېڭى، يادرولۇق ئېڭى، توغرىلىنىش ئېڭىنى پۇختا تىكلەپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن كۈچلۈك ئىدىيەۋى جامائەت پىكرى كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  ليۇ يۈنشەن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتىگە يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. يۈكسەك مەدەنىيەت ئىشەنچى تۇرغۇزۇپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىش، جامائەت پىكرى يۆنىلىشى، قىممەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشتىن ئىبارەت باش تېمىنى، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، روھنى ئۇرغۇتۇش خىزمىتىنى كۆپرەك ئىشلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر