سۈرەتتە: 4- يانۋار، شەندۇڭ ئۆلكىسى چىڭداۋ شەھىرىنىڭ شىمالى قىسمىدىكى دىۋىگاتىللىق پويىز ئىدارىسىدا، پويىز خىزمەتچىلىرى دىۋىگاتىللىق پويىزلارنى قايتا چېتىپ گۇرۇپپىغا ئايرىماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017- يىلى 5- يانۋاردىن باشلاپ، مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يولدا پويىزلارنىڭ يېڭى قاتناش خەرىتىسى بويىچە يۈرۈشى يولغا قويۇلغان بولۇپ، 135ى يولۇچىلار پويىزى كۆپەيتىلدى. قاتناش خەرىتىسى تەڭشەلگەندىن كېيىن، مەملىكەت بويىچە تۆمۈريولدا قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزىنىڭ ئومۇمىي سانى 3570.5 جۈپكە يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 2332.5 جۈپ دىۋىگاتىللىق پويىز بار.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى