باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 2018- يىلدىن باشلاپ 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى

2017.01.06 15:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا بېسىپ تارقىتىلغان «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى يولغا قۇيۇش لايىھەسى»دە 2018- يىلدىن باشلاپ 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

  «يولغا قۇيۇش لايىھەسى»گە ئاساسلانغاندا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئوخشاش بولمىغان ئوقۇش باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، تەدرىجىي ھالدا ئۈچ يىللىق مەكتەپكە كىرىشتىن ئاۋۋالقى تەييارلىق سىنىپ، ئالتە يىللىق باشلانغۇچ مەكتەپ، ئۈچ يىللىق تولۇقسىز ئوتتۇرا ۋە ئۈچ يىللىق تولۇق ئوتتۇرا (ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ) قاتارلىقلارنىڭ ئوقۇش ھەققى (يەنى ئوقۇتۇش ۋە تەربىيەلەش ھەققى)، ئوقۇش ماتېرىيال ھەققى ۋە ياتاق پۇلى قاتارلىق ھەقلىرىنى بىكار قىلىپ، نامرات ئوقۇغۇچىلارغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىلىدىكەن. 2016- يىلى جەنۇبى شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاستتىكى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلىرىدا ئۇمۇمىيۇزلۈك 14 يىللىق ھەقسىز مائارىپ، 2017- يىلى جەنۇبى شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاستتىكى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلىرىدا 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپ، پۈتۈن ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنلىرىدە 14 يىللىق ھەقسىز مائارىپ، 2018- يىلى پۈتۈن ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنلىرىدە 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر