باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى

ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا چەت ئەل تىلى، كومپيۇتېرغا بىر تۇتاش تەلەپ قويۇلمايدۇ

2017.01.09 14:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقىتىپ، ئوقۇش تارىخى، خىزمەت سىتاژى، ئىلمىي ماقالىغا ئەھمىيەت بېرىش خاھىشىنى يېڭىشنى تەلەپ قىلدى ۋە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  «پىكىر» ئالتە بۆلەك 18 تارماققا بۆلۈندى. 1-بۆلەكتە يېتەكچى ئىدىيە، ئاساسىي پىرىنسىپ ۋە باش نىشانلار سۆزلەندى. 2-بۆلەكتىن 6-بۆلەككىچە ئىسلاھات ۋەزىپىسى سۆزلەندى. ئەڭ ئاخىرىدا «پىكىر»نى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئېنىق تەلەپلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تىرىشىپ ئۈچ يىلنىڭ ئىچىدە، قۇرۇلۇش، سەھىيە، يېزا ئىگىلىك، بوغالتىر، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، ئىلمىي تەتقىقات قاتارلىق ئۇنۋانلارنىڭ بىر قاتار ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاش؛ بەش يىل تىرىشىش ئارقىلىق، مۇۋاپىق تەسىس قىلىنغان، ئىلمىي باھالايدىغان، قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرىدىغان، تەڭكەش ئايلىنىدىغان، ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىدىغان ئۇنۋان تۈزۈمىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار بېكىتىلدى: ئۇنۋان سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، ھازىر بار بولغان ئۇنۋان سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي مۇقىملىقىنى ساقلاپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ ساھەلەردە ئۇنۋان سىستېمىسىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك، ئۇنۋان سىستېمىسىنى كەسپىي ساھەلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك كەسىپ تۈرى تەسىس قىلىشىغا ئاساسەن تەسىس قىلسا بولىدۇ. ھازىرغىچە ئالىي ئۇنۋان تەسىس قىلمىغان ئۇنۋان سىستېمىلىرى بىردەك ئالىي ئۇنۋان تەسىس قىلىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر