باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى 2020- يىلىدىن باشلاپ ئۆلكە دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىنى ئالىي مەكتەپلەرگە كاپالەتلىك ئەۋەتىش توختىتىلىدۇ، دېدى

2017.01.09 14:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- يانۋار بېيجڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىشخانىسى «2017-يىلى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قىسمەن ئالاھىدە تۈرلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى تارقىتىپ، نۆۋەتتە، جەمئىيەت بىر قەدەر كۆڭۈل بۆلىدىغان سەنئەت تۈرى، يۇقىرى سەۋىيەلىك سەنئەت ئۆمىكى، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەنتەربىيە كوماندىسى، كاپالەتلىك ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇغۇچى قاتارلىق تۆت تۈرلۈك ئالاھىدە تۈردىكى ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .

  كاپالەتلىك ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش جەھەتتە، 2017-يىلى، ئۆلكە دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدىكى پەنلەر ئولىمپىك مۇسابىقىسى بويىچە دۆلەتلىك يىغىپ مەشىق قىلدۇرۇش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى، بىر قىسىم چەت ئەل تىلى ئوتتۇرا مەكتەپلىرى تەۋسىيە قىلغان مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى، ج خ سېپىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ پەرزەنتلىرى، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن تەنھەرىكەتچىلەر قاتارلىق بەش خىل كىشىلەر يەنىلا ئالىي مەكتەپلەرگە كاپالەت بىلەن قوبۇل قىلىنىش سالاھىيى ھازىرلىغان بولىدۇ. بۇلار ئىچىدە، ج خ سېپىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە پەقەت جامائەت خەۋپسىزلىكى تۈرىدىكى مەكتەپلەرگە كاپالەت بىلەن قوبۇل قىلىنىدۇ؛ ئالاقىدار چەت ئەل تىلىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ كاپالەت بىلەن ئوقۇغۇچى ئەۋەتىش چېكى تەدرىجىي ئازايتىلىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كاپالەت بىلەن ئەۋەتىلگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش بىلەن چەت ئەل تىلى ئوتتۇرا مەكتەپلىرى تەۋسىيە قىلىپ ئەۋەتكەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ياكى چەت ئەل تىلى كەسپى بولمىغان تۈردىكى كەسىپلەرگە تەڭشەپ قويۇش مەنئى قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، 2017-يىلى كۈزدە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن تۇلۇق ئوتتۇرا باسقۇچىغا كىرىدىغان بىرىنچى يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن، ئۆلكە دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى كاپالەت بىلەن ئەۋەتىش سالاھىيەت شەرتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، 2020-يىلىدىن باشلاپ، بارلىق ئالىي مەكتەپلەر ئۆلكە دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى كاپالەت بىلەن قوبۇل قىلىش توختىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر