خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 15-كۈنى مەخسۇس ئايروپىلاندا سيۇرىخقا بېرىپ، شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى.
مەخسۇس ئايروپىلان شۇ جاي ۋاقتى چۈش سائەت 12دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، سيۇرىخ خەلقئارا ئايروپورتىغا قوندى. شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئايروپىلاندىن چۈشتى. شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى لوئىتخارد ۋە ئۇنىڭ ئېرى مومىس ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى، شىۋېيتسارىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى قاتار تۇرۇپ ئۇلارنى قارشى ئالدى. شىۋېيتسارىيەلىك ئۆسمۈر بالا شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسىگە گۈل تەقدىم قىلدى.
لوئىتخارد ئايروپورتتا شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئۈچۈن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. شى جىنپىڭ شىۋېيتسارىيەنىڭ ئاساسلىق ئەمەلدارلىرى بىلەن بىر-بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، لوئىتخارد جۇڭگو تەرەپتىن ھەمراھ بولۇپ بارغانلار بىلەن بىر-بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىسى پاياندازدا پارات مۇنبىرىگە قاراپ ماڭدى. ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن شىۋېيتسارىيەنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. شى جىنپىڭ لوئىتخاردنىڭ ھەمراھلىقىدا ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى