باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىر قىسىم رايونلاردا H 7 N 9 يۇقۇملۇق زۇكام ئېشىش ھالىتى ۋەزىيىتىدە تۇرماقتا

سەھىيە تارماقلىرى ئالدىنى ئېلىشنى ئەسكەرتتى

2017.01.16 15:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا H 7 N 9 يۇقۇملۇق زۇكام يۇقۇمى ئەھۋالىدا ئۆرلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. شەندۇڭ ئۆلكىلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى يېقىندا ئېلان قىلغان كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۆرسەتمىسىدە، چاغاننىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، تىرىك ئۆي قۇشلىرىنى توشۇش كۆپىيىپ، سودا ئاشماقتا، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، نۇرغۇن ئىشلەمچىنىڭ يۇرتىغا قايتىشى H 7 N 9 يۇقۇملۇق زۇكام كېسەللىكىنىڭ يۈز بېرىش خەۋپ-خەتىرىنى زورايتىۋاتىدۇ، جامائەت بۇنىڭغا يۈكسەك دىققەت قىلىشى كېرەك، دېيىلدى.

  شەندۇڭ ئۆلكىلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: H 7 N 9 يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئالدى بىلەن شەخسىي تازىلىقنى كۈچەيتىپ، ياخشى تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈش كېرەك؛ ھەرقانداق گۆش، تۇخۇم يېمەكلىكىنى چوقۇم تولۇق پىشۇرغاندىن كېيىن ئىستېمال قىلىش، خام ياكى چالا پىشقان توخۇ گۆشى، ئۆردەك گۆشى قاتارلىق گۆشلەرنى يېمەسلىك، بولۇپمۇ خام تۇخۇم يېمەسلىك لازىم. ئۆي قۇشلىرى بىلەن، بولۇپمۇ كېسەل بولغان، ئۆلگەن ئۆي قۇشلىرى بىلەن زۆرۈر بولمىغان ئۇچرىشىشنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئازايتىش لازىم. ياۋا كەپتەر ياكى باشقا قۇشقاچلارغا يەم يېگۈزمەسلىك، ئەرمەك قۇش تۈرلىرى بىلەن يېقىن ئارىلىقتىن بىۋاسىتە ئۇچراشماسلىق، تىرىك قۇش بازارلىرى ۋە تىرىك قۇش باقمىچىلىق مەيدانلىرىغا ئامال بار ئاز بېرىش، ئامال بار مۇنتىزىم ئۆي قۇشلىرى مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش سورۇنلىرىدا كارنتىن قىلىنغان قۇش تۈرلىرى مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش لازىم. ئۆيدە قۇشلارنى باققاندا ئىممۇنىتېتلاش، قويۇپ بېرىپ باقماسلىق لازىم، ياۋا قۇشنى تۇتماسلىق ياكى ياۋا قۇشلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشماسلىق؛ ئۆي قۇشلىرىنىڭ ئاجراتمىلىرى ۋە چىقىرىندىلىرىدىن يىراق تۇرۇش، ئۆي قۇشلىرى ياكى ئۆي قۇشلىرىنىڭ قىغى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ۋە سۈزۈك سۇ بىلەن ئىككى قولنى ئۈزۈل-كېسىل پاكىز يۇيۇش كېرەك.

  H 7 N 9 يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ كېسەللىك ئالامىتى ئادەتتىكى تارقىلىشچان زۇكامنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. مەسىلەن، تىنى قىزىش، باش ئاغرىش، يۆتەل ۋە گال ئاغرىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ، بەزى ئەھۋاللاردا، ئەگەشمە كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بىمارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، باش ئاغرىش، بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش، يۆتىلىش، پۈتۈن بەدەن بىئارام بولۇش قاتارلىق نەپەس يولى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن ھامان، چوقۇم ماسكا تاقاپ، تېزدىن دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش ھەمدە كېسەللىك قوزغىلىشتىن بۇرۇن قۇش زۇكىمى يۇقۇم رايونلىرىغا بېرىپ باققانمۇ-يوق، ئۆي قۇشلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ باققانمۇ-يوق قاتارلىق ئەھۋاللارنى دوختۇرغا ئېيتىش ھەمدە دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە داۋالىنىش ۋە دورا ئىشلىتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر