خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 15-كۈنى، سۇغا سەكرەش ماھىرى ۋۇ مىنشيا (سولدا) \ شى يەنماۋ مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا.
شۇ كۈنى، 2016-يىللىق تەنتەربىيە سەھنىسىدىكى داڭلىق شەخسلەر مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى بېيجىڭ دۆلەتلىك سۇ ئۈزۈش مەركىزى «سۇ كۇبى»دا ئۆتكۈزۈلدى. سۇغا سەكرەش ماھىرى ۋۇ مىنشيا (سولدا) \ شى يەنماۋ يىللىق ئەڭ ياخشى گۇرۇپپا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. كەسپىي بوكس شاھى ئالتۇن كەمىرىگە ئېرىشكەن زۇ شىمىڭ ئولىمپىك تۈرى بولمىغان تۈرلەردىكى ئەڭ نادىر تەنھەرىكەتچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى چاقلىق ئورۇندۇق قىلىچۋازلىق مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونى روڭ جىڭ مېيىپلەر تەنتەربىيە روھى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، ئاممىۋىي تەنھەرىكەت روھى مۇكاپاتى ئۇيغۇرچە ئەنئەنىۋى چېلىشىش ۋارىسى مېھمان ھەمراھقا بېرىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى