باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسى مىللىي پالاتاسىنىڭ باشلىقى سپېكېر ۋە فېدېراتسىيە پالاتاسىنىڭ باشلىقى بېشوفبېرگ بىلەن كۆرۈشتى

2017.01.17 13:56   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسى مىللىي پالاتاسىنىڭ باشلىقى سپېكېر ۋە فېدېراتسىيە پالاتاسىنىڭ باشلىقى بېشوفبېرگ بىلەن كۆرۈشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 16-كۈنى بېرندا شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسى مىللىي پالاتاسىنىڭ باشلىقى سپېكېر ۋە فېدېراتسىيە پالاتاسىنىڭ باشلىقى بېشوفبېرگ بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو-شىۋېيتسارىيە مۇناسىۋىتى جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىدە كۆپ تۈردە «بىرىنچى»لىكنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو-شىۋېيتسارىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى شۇنى تولۇق كۆرسىتىپ بەردىكى، بىز ئۆز ئالدىمىزغا تاللىغان ئىجتىمائىي تۈزۈم ۋە تەرەققىيات يولىغا ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدىغانلا بولساق، جۇڭگو-شىۋېيتسارىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرەلەيمىز. جۇڭگو شىۋېيتسارىيە بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى ساقلاپ، يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگو-شىۋېيتسارىيە ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ئالاقە ۋە خەلقئارا ئىشلاردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-شىۋېيتسارىيە يېڭىلىق يارىتىش ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى «13ـ بەش يىل»دا، ئېلىمىزدىكى 181 پىداگوگىكا ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ نامى بىردەك ئۆ…
    ·2017- يىلى شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى 119 نەپەر مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىدۇ
    ·قىزىل راۋاقتىكى چۈش كىلاسسىك ئەسىرى2017-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمىتھانى بېيجىڭ ئىمتىھان قەغىزىنىڭ زۆر…
    ·2017-يىلى ئەتىيازلىق ماتېرىياللاردا 14 يىللىق ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارىشى ئۇرۇش ئۇقۇمى ئومۇميۈزلۈك …
    ·جاڭ جىڭزې مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولدى
    ·شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېزىلىرىدا مەكتەپكە كىرىشتىن ئۈچ يىل بۇرۇنقى يەسلىگە كىرىش يېشىغا توش…
    ·«مەدەنىيەتلىك جۇڭگو - سېھرىي كۈچكە تولغان شىنجاڭ» سەنئەت ئۆمىكى ئۆزبېكىستاندا ئويۇن قويدى(1)
    ·شىنجاڭ ئالىي كەسپىي (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا توردا ت…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2020- يىلىدىن باشلاپ ئۆلكە دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىنى ئالىي مەكتەپلەرگە كاپ…
    ·شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 2018- يىلدىن باشلاپ 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى ئەمەلگە ئاشۇرۇ…