خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 17-يانۋار داۋوستا دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ رەئىسى شۋاب بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى قۇرۇلغاندىن بۇيان يېڭىلىق يارىتىش روھى بويىچە، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ، تۈرلۈك دۇنياۋى مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورنى ۋە تەسىر كۈچىنى كۈنسايىن زورايتتى، ھازىر مۇنبەرنىڭ يىللىق يىغىنى «دۇنيا ئىقتىسادىي يۆنىلىش كۆرسەتكۈچى»گە ئايلاندى. بۇ يىل مۇنبەرنىڭ يىللىق يىغىنىنىڭ باش تېمىسى ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتكە بىرلەشتۈرۈلۈپ، دۇنيانىڭ قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇش مۇھىم ھالقىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى. بىز بىرلىكتە سىرتقا ئاكتىپ سىگنال تارقىتىپ، كۆپچىلىكنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ دۇنياۋىلىشىش مۇساپىسىگە بولغان ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى