باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سەي جېنخۇا دۆلەت پۇتبول كوماندىسىنىڭ نەتىجىسى پۇتبول ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ئۆلچەيدىغان بىردىنبىر ئۆلچەم ئەمەس، دېدى

2017.01.18 15:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-نۆۋەتلىك جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ 3-قېتىملىق ئەزالار يىغىنى 17-يانۋار ۋۇخەندە ئېچىلدى. پۇتبول ئىسلاھاتىنىڭ ئۈنۈمىگە قانداق قارايدىغانلىقى ھەققىدە، جۇڭگو پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى سەي جېنخۇا: دۆلەت كوماندىسىنىڭ نەتىجىسى پۇتبول ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ئۆلچەشنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى ئەمەس، دېدى.

  سەي جېنخۇا مۇنداق دېدى: 2016-يىلى 9-ئايدىن باشلانغان ئىككى قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى ئالدىن تاللاش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئاسىيا رايونىدىكى 12 كۈچلۈكلەر مۇسابىقىسىدە، دۆلەت كوماندىسى گۇرۇپپىسى ئەڭ كۈچلۈك ئىككى رەقىب كورېيە ۋە ئىران كوماندىلىرى بىلەن بىر قېتىم تەڭلىشىپ، بىر قېتىم يېڭىلىشتەك نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى، نەق مەيداندىكى ئىپادىسى ۋە روھىي قىياپىتى نۇرغۇن توپ مەستانىلىرىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى، مەملىكەت بويىچە ھەممەيلەن دۆلەت كوماندىسىنىڭ نەتىجىسىگە زور ئۈمىد باغلىدى.

  سەي جېنخۇا مۇنداق دېدى: «مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ۋە بېسىم ئاستىدا، ماھارەت تاكتىكا سەۋىيەمىزنىڭ تۆۋەن بولۇش مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلاندى، پىسخىك ساپا ئاجىز بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر قايتىدىن نامايان بولدى، ئېغىر بېسىم ئاستىدا پۈتۈن كوماندا ئىقتىدارىنى نورمال جارى قىلدۇرالمىدى».

  2016-يىلى 10-ئايدىكى ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە ئۇدا يېڭىلىپ قېلىپ ، گۇرۇپپىدىن چىقىش ئۈمىدى ئاز قالدى، ئىتتىپاقسىزلىق، ئىناقسىزلىق ئامىللىرىمۇ كۆرۈلۈپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا بولۇپ قالدى، توپ مەستانىلىرىنى ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتى قاپلاپ، بۇ قېتىمقى پۇتبول ئىسلاھاتىنى «قۇرۇق خىيال» دەپ قارىدى.

  سەي جېنخۇا مۇنداق قارىدى: «دۆلەت كوماندىسىنىڭ نەتىجىسى پۇتبول ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەملەرنىڭ بىرى، ھەرگىزمۇ بىردىنبىر ئۆلچەم ئەمەس». دۆلەت پۇتبول كوماندىسىنىڭ نەتىجىسىنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبلىك پۇتبول ئىسلاھاتىنى بىر ئىزدا توختاپ قالدى، دەپ قاراشقا بولمايدۇ، دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولسىلا، پۇتبول تەرەققىياتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ، دېيىشكىمۇ بولمايدۇ.

  سەي جېنخۇا مۇنداق دېدى: «جۇڭگو پۇتبۇلچىلىقىنىڭ ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات ئومۇمىي لايىھەسى» ئېلان قىلىنغان ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، پۇتبول ئىسلاھاتى پۇتبولچىلىقنىڭ تەرەققىيات مۇھىتى ۋە كەيپىياتىنى ياخشىلاش، پۇتبول باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى راۋانلاشتۇرۇش، پۇتبولچىلىقنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىش، جۇڭگوچە پۇتبۇلچىلىقنى باشقۇرۇش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش، پۇتبۇلچىلىق بىلەن پۇتبۇل كەسپىنىڭ ماس تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  سەي جېنخۇا مۇنداق دېدى: «بىز پەقەت بىر نەچچە مەيدان مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇپ قويۇپلا، ئۆزىمىز قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى كۆرەلمىسەك بولمايدۇ. دۆلەت كوماندىسىنى مىسالغا ئالساق، ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنىڭ خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىدىكى رەت تەرتىپى 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى 97-ئورۇندىن 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدا 82–ئورۇنغا ئۆرلىدى؛ ئاياللار پۇتبول كوماندىسى جەھەتتە، 2015-يىل ۋە 2016- يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى ۋە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئۇدا سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىپ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىش يولىدا پەرقنى ئۈزلۈكسىز كىچىكلىتىۋاتىدۇ.

  سەي جېنخۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: پۇتبول ئىسلاھاتى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرگە توغرا قاراش كېرەك، دۆلەت كوماندىسىنىڭ نەتىجىسىنىلا ئۆلچەم قىلىشتەك تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پائال ئۆزگەرتىپ، ئىسلاھاتنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق مۇھىت يارىتىش لازىم. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات مۇساپىسىنىڭ تېخى ناھايىتى ئۇزاق ئىكەنلىكىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز لازىم. بىز بۇ بىر ئەۋلاد پۇتبولچىلار ئاساسنى پۇختىلاپ، رامكىنى بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، دادىللىق بىلەن جۇڭگو پۇتبۇلچىلىقىنىڭ ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى يولىدىكى ئاساس بۇلۇشىمىز، جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ قەد كۆتۈرۈشى ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس سېلىشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر