باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىقتىسادى تەرەققىي قىلىۋاتقان جۇڭگو لايىھەسىگە نەزەر

2017.01.18 14:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى بىرىنچى موتور جۇڭگو مۇقىم بولسا دۇنيا ئاندىن مۇقىم بولىدۇ، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى سۇس بولۇۋاتقان، ئېنىقسىز ئامىللار كۆپ بولۇۋاتقان ۋەزىيەتتە جۇڭگو ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىگە بەرداشلىق بېرىپ، ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى ئېشىش نۇقتىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە مۇقىملاشتۇردى، گېرمانىيەدە چىقىدىغان« سودا گېزىتى»تورى بېكىتىدە ماقالە ئېلان قىلىنىپ: ئەگەر 2016-يىلى جۇڭگو بولمىغان بولسا دۇنيا ئىقتىسادى زاۋاللىققا يۈزلىنىشى مۇمكىن ئىدى دېيىلدى.

  ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، جۇڭگودا 700مىليوندىن ئارتۇق كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، بۇ يەر شارىدا ئازايغان نامرات نوپۇسنىڭ %70دىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى ئورناتتى، كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 1949-يىلىدىن بۇرۇنقى35 ياشتىن 2015-يىلى 76.34 ياشقا چىقىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى، خەلقنىڭ مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئاشتى، 9 يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى %93گە يەتتى، ئالىي مائارىپ ئوتتۇرا دەرىجىلىك تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ سەۋىيەسىگە يېقىنلاشتى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە قىلغان: پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەت نامرات نوپۇس ۋە قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلىشى، ياردەم بېرىشى، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى بەھرىلەندۈرۈشى خەلقنى تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشقا ئىگە قىلىشى كېرەك دېگەن سۆزى كىشى قەلبىنى ئىللىتىدۇ.

  2017-يىلى داۋۇس مۇنبىرى يىللىق يىغىنىدا «رەھبەرلىك كۈچى:ۋەزىيەتكە قاراپ پىلان تۈزۈش، مەسئۇل بولۇشقا جۈرئەت قىلىش» ئاساسى تېما قىلىنىدۇ، دۇنيا دىلغۇللۇق ئىچىدە تۇرۇۋاتقان پەيتلەردە ئاقلانە ۋە يىراقنى كۆرەر تەپەككۇرغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، ئادىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يەر شارى پۇل مۇئامىلىسىنى رەتكە سېلىش قېلىپى، ئېچىۋېتىلگەن، ئاشكارا يەر شارى سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى تۈزەش قېلىپى، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق يەر شارى ئېنېرگىيەسىنى رەتكە سېلىش قېلىپى، كەڭ قورساق، بىرلەشمە ھەرىكەتتىكى يەر شارى تەرەققىياتىنى باشقۇرۇش قېلىپىنى ئورتاق بەرپا قىلىشتا جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان 4 قېلىپتا مەسىلە تۈپ نېگىزىدىن تۇتۇلۇپ، يەر شارى ئىقتىسادىنى رەتكە سېلىشتىكى مۇھىم نۇقتىلىق ساھە ۋە مېڭىشقا بولىدىغان يول ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى.

  ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى بېيجىڭ يىغىنىدا ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئەركىن سودا رايونى مۇساپىسى باشلىنىشتىن 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىدا 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك تۈزەش مېخانىزمىدا بۇرۇلۇش ياساش، كەڭ خاڭجۇ ئورتاق تونۇشى ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقىچە چوڭقۇر تارىخى قارارلاردا ئەكس ئەتكەن جۇڭگو ئاۋازى شەرقتىكى بۇ چوڭ دۆلەتنىڭ دۇنيا سەھنىسنىڭ مەركىزىگە بارغانسېرى يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى يوقلۇقتىن بارلىققا، نۇقتىدىن كۆلەمگىچە تەرەققىي قىلغان ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە دۇنيادىكى 100دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات قاتناشتى ۋە قوللىدى، جۇڭگو ئالاقىدار دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن 40 نەچچە ئالاقىدار ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، ئەنئەنە بىلەن يېڭىلىق يارىتىش، ئېچىۋېتىش بىلەن كەڭ قورساقلىق يۇغۇرۇلغان بۇ جۇڭگو لايىھەسىدىن غايەت زور ئىجابىي كۈچ تارقاپ، شەرقتىكى بىر چوڭ دۆلەتنىڭ ئۇلۇغ ئىدىيەسى ۋە كۈچلۈك ھەرىكەت كۈچى نامايەن بولدى.

  چىلىدا چىقىدىغان«خەۋەرچى»گېزىتىدە ئوبزور ئېلان قىلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: ھامىيچىلىق ۋە يەككىچىلىك بارغانسېرى ئەدەۋاتقان ۋەزىيەتتە جۇڭگونىڭ رەھبەرلىك كۈچى كۈچىيىپ، دۇنيانى سودىنى ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش، كۆپتەرەپلىك بىلەن تەمىن ئەتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر