باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى زاتلار ۋە ئاساسىي قاتلام ئامما ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى تەكلىپ-پىكىرلەر ئاڭلاپ ئۆتۈلدى

2017.01.18 14:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىكىكىدە 16-يانۋار سۆھبەت يىغىنى ئېچىلىپ، مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى زاتلار ۋە ئاساسىي قاتلام ئامما ۋەكىللىرىدىن «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات (پىكىر ئېلىش ئورگىنالى)» توغرىسىدا تەكلىپ-پىكىر ئېلىندى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گۇۋويۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا، سەككىز ۋەكىل خىزمەت ساھەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. لى كېچياڭ ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، كۆپچىلىكنىڭ تەۋسىيەسىگە ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئېلىمىزنىڭ يۇقىرى-تۆۋىنىدىكىلەر ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى ئورتاق تىرىشىپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈش قىيىن بولغان كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلەش كېرەك. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنىڭ مەقسىتى: خەلقنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، تەرەپلەرنىڭ پىكىرلىرىنى تولۇق ئاڭلاپ، ئەل رايى ۋە ئەلنىڭ ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلەش. مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسى ۋە ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا ۋە قىيىن مەسىلىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر