خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 17-يانۋار داۋوستا ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بىدېن بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ بىدېنغا زۇڭتۇڭ ئوباماغا بولغان ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئۆتۈندى، بىدېننىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىگە ئىجابىي باھا بەردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 38 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى نۇرغۇن بوران - چاپقۇننى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلدى. بولۇپمۇ ئۈچ يىل ئىلگىرى مەن زۇڭتۇڭ ئوباما بىلەن جۇڭگو ۋە ئامېرىكىنىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەتلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئورتاق تونۇشى ھاسىل قىلغاندىن بۇيان ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ تەرەققىي قىلدى ھەم مۇھىم ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ ئىككى تەرەپ سودىسى، قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ جۇغلانمىسى، خادىملارنىڭ بېرىش-كېلىشىدە يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە دۇنيا خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇقىم ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىغا موھتاج.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى