باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىنچ تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنەيلى

2017.01.16 14:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەمنەپەس تەقدىرداش دوستلارنى تىپىش كىشىلىك دۇنيادىكى ئەڭ زور بەخىت. 13- يانۋار رەئىس شى جىنپىڭ شىۋىتسارىيىدىكى ئەڭ تەسىر كۈچى چوڭ يېڭى سىيۇرىخ گېزىتىدە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىنچ تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنەيلى ماۋزۇلۇق ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلىپ ، ئۇنىڭدا شىۋىتسارىيىنىڭ داڭلىق شائىرى، نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىرىشكۈچى سىپىتىلنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈردى ھەمدە جۇڭگو بىلەن شىۋىتسارىيىنىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنى ئەسلەپ ئۆتۈپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش يۆنىلىشىنى پىلانلاپ، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيانى بىرلىكتە بەرپا قىلىش، ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخىتكە ئېرىشىش ئارزۇسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىپادىلىدى. ماقالە شۇ جايدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى، شىۋىتسارىيىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ئەرباپلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىمزالىق ماقالىدە يېراققا نەزەر سېلىنغان بولۇپ، شىۋىتسارىيە جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى چوڭ دۆلەتلىك ۋەزىپىسىنى نامايەن قىلدى.

  13- يانۋار چۈشتىن كېيىن، سىيۇرىخ شەھەر مەركىزى ۋوگزالىدىكى ئىنتايىن چوڭ بىر كىتابخانىدا ئىمزالىق ماقالە بېسىلغان گېزىت ئاللا بۇرۇن سېتىلىپ بولدى، يەنە بىر كىتابخانىنىڭ خوجايىنى مۇنداق دېدى: يېقىندا شۇيەردىكى ئاساسلىق گېزىتلەر رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كېلىش خەۋىرىنى ئېلان قىلدى، كۆپلىگەن كىشىلەر بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرگە ئىنتايىن دىققەت قىلدى، كىشىلەر بۈگۈنكى بۇ گېزىتنىڭ كۆپلىگەن بەتلىرىدە جۇڭگوغا ئائىت خەۋەرلەر بېرىلگەنلىكى، بۇنىڭ ئىچىدە بىر پۈتۈن بەتكە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىمزالىق ماقالىسى بېسىلغانلىقى ئۈچۈن ئۆچرەتتە تۇرۇپ سېتىۋالدى.

  سۈيرۇختىكى بىر بانكىدا خىزمەت قىلىدىغان گېرمانىيىلىك بىر ئىنجىنىرمۇ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىمزالىق ماقالىسى بېسىلغان گېزىتنى سېتىۋالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بانكىدىكى خىزمەتداشلىرىم يېقىندىن بۇيان رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كېلىدىغانلىقى ھەققىدە سۆھبەتلىشىدىغان بولدى، كۆپچىلىك بۇ تارىخىي خاراكتىرلىك زىيارەتنى ئىنتايىن تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە، مېنىڭچە بۇ قېتىمقى زىيارەت ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىدا غايەت زور تۈرۈتكىلىك رول ئوينايدۇ. ئۇ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو شىۋىتسارىيە مۇناسىۋىتى ھەمدە يەر شارىنى تىزگىنلەش جەھەتتىكى چۈشەندۈرۈشىنى كۆرمەكچى بولىۋاتىمەن دېدى.

  جەنۋە ئۇنىۋېرىستېتى كوڭزى ئىنىستېتوتىنىڭ باشلىقى جىن يىرەن تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: يېڭى سىيۇرىخ گېزىتى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم بولغان نېمىسچە گېزىتلەرنىڭ بىرى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ سەھنە ئارقىلىق دۇنيانى جۇڭگودىن بەھىرلەندۈرش قارشى ئىنتايىن مۇھىم ، ئەھمىيىتى زور.

  شىۋىتسارىيە جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، سىيۇرىخ شەھىرىنىڭ سابىق باشلىقى توماس ۋاگنىر مۇنداق دېدى: مەن شۇ كۈنىدىكى گېزىتتىن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ماقالىسىنى كۆرۈپ، ناھايىتى ھاياجانلاندىم. مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قارىشىنى ئىنتايىن قۇۋەتلەيمەن. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ماقالىسى يېراقنى كۆرەرلىك بولۇپ، كىشى قەلبىنى ئۇرغۇتىدىكەن، شىۋىتسارىيە بىلەن جوڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىپتۇ، شۇنداقلا يەر شارىنى تىزگىنلەشتە مۇستەقىل چۈشەنچە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ.

  ۋاگنىر مۇنداق دەپ قارىدى: ئىستراتېگىيىلىك شىرىكلىك مۇناسىۋىتىدە يېڭىلىق يارىتىش شىۋىتسارىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىشەنچىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىرلىكتە ئىلگىرىلىشىنىڭ ئۇل تېشى. زىچ ھەمكارلىشىش جەمئىيەت تەرەققىياتى ، مۇھىت ئاسىراش ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقىغا ئۇل سالىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىش، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەركىن سودا رايونىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ھەمدە ئىلىم پەن ، ئىقتىساد، ئېكولوگىيە ھەمكارلىقى، يۇقۇرى قاتلام سۆزلىشىشى جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ بۇ كىچىك، مۇستەقىل ، ئەمگەكچان ۋە ئەركىن دۆلەتنىڭ ھەرقانداق ئىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.رەئىس شى جىنپىڭ شىۋىتسارىيىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەمدە دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىدۇ، بۇ شىۋىتسارىيە ئۈچۈن ئىنتايىن زور شەرەپ، شىۋىتسارىيىمۇ ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.

  شىۋىتسارىيە جۇڭگو سودا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى فىلىكىس ساتىر مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدە نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئىزاھلاپتۇ، شىۋىتسارىيە سودا ساھەسى ۋە ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. ماقالىدە ئىككى دۆلەتنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى مۇناسىۋەت تەرەققىياتى ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، يەنىمۇ ھەمكارلىشىش ۋە ئورتاق تېرىشچانلىق كۆرسىتىشكە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىلىپتۇ. مەن يېڭىلىق يارىتىش سۆزىنىڭ رەئىش شى جىنپىڭنىڭ ماقالىسىدىكى ئاچقۇچلۇق سۆز ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلدىم. بۇ شىۋىتسارىيە جۇڭگو سودا جەمئىيىتى بىلەن شىۋىتسارىيىدىكى كۆپلىگەن كارخانىچىلارنىڭ ئىدىيىسى بىلەن بىردەك. بىز رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.

  سىيۇرىختىكى بىر مال مۈلۈك باھالاش شىركىتىىڭ باش ئىجرائىيە ئەملدارى ماكۇل ۋېكىل مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدە شىۋىتسارىيە خەلقىگە بولغان چوڭقۇر دوستلۇقى ئىپادىلىنىپلا قالماستىن يەنە بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ نىشانى ئۈستىدە ئېنىق چۈشەنچە بېرىلىپتۇ، بۇ مېنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈردى.

  ۋىكىل مۇنداق دېدى: خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ ماقالىسىدە كۆرسەتكەندەك ئىككى دۆلەت ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. سۆزلىشىش ۋە ئالماشتۇرۇش كۆپلىگەن قاتلامغا كېڭىيىپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى، ئەمەلىي ھەمكارلىق ۋە ئەل ئىچى ئالاقىسى ئارقىلىق ، ئىككى دۆلەت ئالاقىسىنى چوڭقۇر ، داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرغىلى بولىدۇ. مەن شىۋىتسارىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنىڭ بۇ قېتىمقى تارىخىي زىيارەتتتىن كېيىن ئۈچقاندەك تەرەققىي قىلىشىنى كۈتمەكتىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر