خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 17-يانۋار داۋوستا ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشېنكو بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو-ئۇكرائىنا دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 25 يىلدىن بۇيان ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشىپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش پىرىنسىپى ئاساسىدا ھەمكارلىشىپ، مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. جۇڭگو جۇڭگو-ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۇكرائىنا بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى، ھۆكۈمەت، پارتىيەلەر ئارا ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرى، شۇنداقلا ب د ت قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك ئاپپاراتلاردىكى سۆزلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى