باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھىندىستاندا بىر كېمە ئۆرۈلۈپ كېتىپ، 19 كىشى قازا قىلدى

2017.01.16 17:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 14-يانۋار چۈشتىن كېيىن، بىر يولۇچىلار پاراخوتى ھىندىستاننىڭ بىخار ئىشتاتىنىڭ مەركىزى پاتنا ئەتراپىدىكى ساھىلدا ئۆرۈلۈپ كېتىپ، ئاز دېگەندىمۇ 19 كىشى قازا قىلدى، 20 ئادەم يوقاپ كەتتى.

  نەق مەيداندا كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى چاغدا 40 كىشى پاتىدىغان بۇ كېمىگە ئاز دېگەندە 50 يولۇچى ئولتۇرغان. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، بىر قىسىم يولۇچىلار قىرغاققا ئۈزۈپ بارغان، يەنە بىر قىسمى سۇدا تۇرۇپ قالغان.

  نۆۋەتتە، قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى ۋە ئالاقىدار خادىملار ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا بېرىپ قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇرغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر