خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز روزىھاجى نەزەر خەۋىرى) ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 3-شى پەيزاۋات باش مەيدانىدا 7-يانۋاردىن 15-يانۋارغىچە ياغقان قاردا يوللاردا مۇز تۇتۇپ، قاتناش پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. مەيداندىكى 2500دىن ئارتۇق كادىر، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى، ئىشچى، تىجارەتچى 16-يانۋاردىن 17-يانۋارغىچە ئاساسلىق كوچىلاردىكى قارنى تازىلاش ئەمگىكىگە قاتنىشىپ، ئاممىنىڭ بىخەتەر يول يۈرۈشىگە قولايلىق شارائىت ياراتتى.
سۈرەتتە: 8-ليەندىكى ئىشچىلار قار تازىلاۋاتىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى