باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ۋان گال تىرېنېرلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2017.01.18 15:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىرنەچچە چوڭ داڭلىق كۇلۇبتا تىرېنېر بولغان ۋە گوللاندىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ پۇتبول ماھىرى ۋان گال 16-يانۋار ئۆزىنىڭ تىرېنېرلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ۋان گال ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە مانچېستېر بىرلەشمە پۇتبول كۇلۇبى تەرىپىدىن ئىشتىن بوشىتىلغاندىن كېيىن، تىرېنېرلىق ئورنىغا قايتا قايتىپ كەلمىگەن. ۋان گالنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ ئىلگىرى يۈەندۇڭ گۇرۇھىنىڭ بىر پارچە زور سوممىلىق توختامىنى تاپشۇرۇۋالغان، لېكىن ئائىلىسىنى ئويلىشىپ، بۇ تەكلىپتىن ۋاز كەچكەن ئىدى.

  بۇ يىل 65 ياشقا كىرگەن ۋان گالنىڭ تىرېنېرلىق ھاياتىدىكى كەچۈرمىشلىرى مول، باسا، بەيرىن مىيۇنخېن ۋە مانچېستېر پۇتبول كۇلۇبى قاتارلىق كۇلۇبلاردىكى كوماندىنىڭ باش تىرېنېرى بولۇشتىن باشقا، ئۇ يەنە ئىككى قېتىم گوللاندىيە دۆلەتلىك كوماندىغا يېتەكچىلىك قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر