باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ نۇتقى دىلىمىزنى ئىلىتتى

2017.01.18 14:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 17-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ 2017-يىللىق يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى. 1700 كىشىنى سىغدۇرالايدىغان داۋوس خەلقئارا يىغىن مەركىزى ئومۇمىي يىغىن زالى بالدۇرلا توشۇپ بوش ئورۇن قالمىدى، كىشىلەر جۇڭگونىڭ ساداسىنى ئاڭلاشقا تەقەززا بولىۋاتاتتى.

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ نۇتقىدا كلاسسىك ئەسەرلەردىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن، مەزمۇنلۇق سۆزلەر كۆپ، تەسىرلىك ۋە يېقىملىق، جۇڭگو ۋە چەتئەلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، پەلسەپىۋى قائىدىلەر بىلەن يۇغۇرۇلغان جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتى بىلەن تولغان، دۇنيا ئىقتىسادى چوڭقۇر تەھلىل قىلىنغان بولۇپ، تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرىۋاتقان دۇنياۋى ئىقتىسادى مۇساپىسىنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  داۋوس ئالپىس تېغىدىكى كىچىك بازار بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى كۈزىتىدىغان مۇھىم كۆزنەك. كۆپچىلىك ھەر تەرەپتىن كېلىپ بۇ جايدا جەم بولۇپ، تۈرلۈك ئىدىيە توقۇنۇشلىرى ئارقىلىق ئەقىل-پاراسەت ئۇچقۇنىنى يېلىنجىتىپ، ئازراق سېلىنما بىلەن ناھايىتى يۇقىرى ھاسىلاتقا ئىگە بولدى. مېنىڭچە بۇ ھادىسىنى‹ شۋاب ئىقتىساد ئىلمى› دېسەك بولىدۇ». شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي ۋە كۈچلۈك ھېسىياتقا باي باشلىنىش نۇتقى يىغىن زالىدىكىلەرنى خۇشال قىلدى. رەئىس سەھنىسىدە ئولتۇرغان دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ رەئىسى شۋاب رەئىس شى جىنپىڭغا باش لىڭشىتىپ ئېھتىرام بىلدۈردى.

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ نۇتقىغا سەككىز قېتىم قىزغىن ئالقىش ياڭرىتىلدى

  نۇتۇق ئاخىرلاشقاندا، شۋاب رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېنىغا بېرىپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا مۇۋەپپەقىيەت تىلىدى. شۋاب مۇنداق دېدى: «رەئىس شى جىنپىڭ ئىنتايىن مۇھىم نۇتۇق سۆزلەپ، دىلىمىزنى ئىلىتتى. ھازىر دۇنيا ئىقتىسادى يېڭى تارىخىي باسقۇچتا تۇرىۋاتىدۇ، ئىنسانلار نۇرغۇن ئورتاق خىرىس ۋە بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ». رەئىس شى جىنپىڭنىڭ نۇتىقى ئاڭلاپ، كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىمىز تېخىمۇ ئاشتى. دۇنيا ئۆزئارا باغلانغان، ئىنسانلار تەقدىرداش ئورتاق گەۋدە. دۇنيا ئارزۇسى ۋە جۇڭگو ئارزۇسىنى بىرلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئىجادىي، ئوچۇق، ئادىل، سىغدۇرۇشچان دۇنيا ئارزۇسىنى قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىشقا ئاشۇرايلى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر