خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 17-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار ئامېرىكا ۋاشىنگتوندىكى پارلامېنت سارىيىنىڭ غەربىي تەرىپىگە كۆرۈش سۇپىسى قۇراشتۇرۇپ، زۇڭتۇڭنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى ئۈچۈن تەييارلىق قىلماقتا. ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭى دونالد ترامپ 1-ئاينىڭ 20-كۈنى قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرىدۇ، ھازىر تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى جىددىي ئىشلەنمەكتە. ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋاقتى كەلگەندە 700 مىڭدىن 900 مىڭغىچە ئادەم ۋاشىنگتونغا كىرىدىكەن، بىخەتەرلىك تارماقلىرى تەخمىنەن 28 مىڭ ئامانلىق ساقلىغۇچىنى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدا بىخەتەرلىكنى قوغداشقا ئورۇنلاشتۇرغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى