خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۈرەتتە: 1-ئاينىڭ 17-كۈنى نىگېرىيەنىڭ بورنو ئىشتاتىدىكى مەيدۇگۇرىدا تارتىلغان خاتا ھۇجۇمدىن كېيىنكى مۇساپىرلار لاگېرى خارابىلىقى. («دۆلەت چېگراسى ئايرىمايدىغان دوختۇرلار تەشكىلاتى» تەمىنلىگەن سۈرەت). نىگېرىيە ھەربىي تەرەپنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نىگېرىيە ھەربىي ئايروپىلانى 17-يانۋار نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بورنو ئىشتاتىنىڭ مەيدۇگۇرىدا ئاشقۇن تەشكىلات «بوكو مۇقەددەس جاي»غا زەربە بەرگەندە، شۇ جايدىكى بىر مۇساپىرلار لاگېرىغا خاتا ھۇجۇم قىلغان. خاتا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە دۆلەت چېگراسى ئايرىمايدىغان دوختۇرلار تەشكىلاتىنىڭ 52 خادىمى قازا قىلىپ، 120 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ئېيتىلغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى