باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پايتەختتىكى 100 دىن ئارتۇق پېشقەدەم ئاخباراتچىلار چاغاننى بىرلىكتە تەبرىكلىدى

2017.01.18 16:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:17- يانۋار چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو مۇخبىرلار جەمئىيىتى ئاخبارات زالىغا قىزىل پانۇسلار ئېگىز ئېسىلىپ، ھەممە يەر بايراملىق كەيپىياتقا چۆمدى. 2017- يىللىق پايتەخت پېشقەدەم ئاخباراتچىلار چاغانلىق چاي يىغىلىشى مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزۈلدى، زېڭ جيەنخۇي،چيەن لىرېن، شاۋ خۇازې،تيەن سوڭمىڭ قاتارلىق يۈزدىن ئارتۇق دەم ئېلىشقا چىققان پېشقەدەم ئاخباراتچىلار ۋەكىللىرى خۇشال خۇرام جەم بولۇپ، چاغاننى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.

  جۇڭگو مۇخبىرلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى جاڭ يەننوڭ جۇڭگو مۇخبىرلار جەمئىيىتىگە ۋەكالىتەن پېشقەدەم ئاخباراتچىلارغا بايراملىق سالام يوللىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۆتكەن بىر يىلدا، ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتى ئىلگىرى بولۇپ باقمىغان دەرىجىدە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشكە ئېرىشتى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتى توغرىسىدا ‹2.19› ،‹11.7›گە ئوخشاش مۇھىم سۆز قىلىپ، كەڭ ئاخبارات خىزمەتچىلىرى ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. يېڭى بىر يىلدا ئاخبارات ساھەسى ئەنئەنىگە ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئىستىلنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ ، توغرا بولغان جامائەت پىكرى بويىچە يېتەكلەپ،ياخشى ئەسەرلەر بىلەن ئىلھاملاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن ياخشى بولغان جامائەت پىكرى مۇھىتى يارىتىپ،قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچنى ئۇيۇشتۇرۇشى كېرەك.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر