باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چاقىلىق-نىيە تاشيولى 2-دەرىجىلىك تاشيول قىلىپ قايتا ياسىلىدۇ

2017.01.18 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئايگۈل مەمىتىمىن خەۋىرى) يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى تور بېكىتىدە «315G لىنىيەسى چاقىلىق-نىيە تاشيولىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ئاشكارىلاش دوكلاتى» ئېلان قىلىندى. «شىنجاڭ سەھەر گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ ئىگىلشىچە، چاقىلىق-نىيە تاشيولى 2-دەرىجىلىك تاشيول قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ ياسىلىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 531.378 كىلومېتىر، لايىھەدىكى سائەتلىك سۈرئتى 80 كىلومېتىر قىلىپ بېكىتىلگەن.

  ئاشكارىلانغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشچە، چاقىلىق-نىيە تاشيولى قۇرۇلۇشى لىنيەسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى چاقىلىق ناھىيەسى چاقىلىق بازىرىنىڭ شىمال تەرىپىگە تەخمىنەن توققۇز كىلومتىر، دۆلەت يولى 218-لىنىيەسى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ جەنۇبىغا بىر كىلومتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ، نىيە ناھىيەسىنىڭ بېلىقكۆل چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ غەربى تەرىپىدىن تەخمىنەن بەش كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا ئاخىرلىشىدۇ. بۇ تاشيولنىڭ قىسمەن جايلىرى يېڭى ياسىلىدۇ، قىسمەن جايلىرى ئۆزگەرتىپ ياسىلىدۇ. ئەسلىي لىنىيەدىكى 8.5 يېرىم كىلومېتىر كېلىدىغان بۆلەك بۇرۇنقى 315G لىنىيەدىن پايدىلىنىلىدۇ، ئەسلىدىكى (چەرچەن چېگراسى ئىچىدىن ئۆتىدىغان 24.7 كىلومېتىر 3-دەرىجىلىك يول 2-دەرىجىلىك قىلىپ ئۆزگەرتىلىدۇ ) قالغان 498.2 كىلومېتىر يول 2-دەرىجىلىك يول ئۆلچىمى بويىچە يېڭىدىن ياسىلىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشچە، بۇ قۇرۇلۇشقا جەمئىي 7 مىليارد 172 مىليون 200 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان بولۇپ، 15 چوڭ، ئوتتۇرا كۆۋرۈك، 49 كىچىك كۆۋرۈك، 243 سۈڭگۈچ، 57 ئورۇنغا ئۆتۈشمە يول، 24 ئۆتۈشمە يول كۆۋرۈكى، يەتتە ئايرىلما شەكىللىك ئۆتۈشمە يول كۆۋرۈكى، بەش ئورۇنغا ئاپتوموبىل توختىتىش بەلبېغى تەسىس قىلىنغان؛ ئالتە ئورۇندا مۇلازىمەت رايونى (ئالتە ئۇرۇندا يول ئاسراش ئىش رايونى)، تۆت ئۇرۇندا سۈرئەت چەكلەش پونكىتى بىرلەشتۈرۈلۈپ قۇرۇلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر