باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

خەلق تورى قۇرۇلغان 20 يىل جەريانىدىكى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى

2017.01.19 14:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1997- يىلى 1- يانۋار، خەلق تورى رەسمىي قۇرۇلغان ئىدى. تا بۈگۈنگە قەدەر، خەلق تورى تەرىپىدىن تارقىتىلىپ قاپلىغان ئادەم سانى 130 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتتى، تور ئەھلى 210 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا تارقالدى.

  1999- يىلى 5- ئاينىڭ 9- كۈنى، خەلق تورىنىڭ «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ زوراۋانلىققا ئېتىراز بىلدۈرۈش مۇنبىرى» ئىشقا سېلىنغان ئىدى، كېيىن ئۇ مۇنبەرنىڭ نامى «دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش مۇنبىرى»دەپ ئۆزگەرتىلدى، بۇ مۇنبەر جۇڭگودىكى تاراتقۇلار تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان تۇنجى خەنزۇچە ئېقىم مەسىلىلىرى مۇنبىرى بولۇپ، پىكىر بايان قىلىش سانى يەر شارى بويىچە خەنزۇچە مۇنبەردە تېزلا بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن ئىدى.

  2004- يىلى 4- ئاينىڭ 20- كۈنى، خەلق گېزىتىنىڭ 5- نۇسخىسىدا «خەلق تورى ئوقۇرمەنلەر سۆز قالدۇرۇش بېتى» ناملىق سەھىپىسى ئېچىلغان ئىدى، خەلق تورى شۇنىڭ بىلەن تور ئەھلىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئالدىنقى كۈنى خەلق گېزىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە بولغان ئىنكاس-باھاسىنى بېسىپ، گېزىت ۋە تور ئوتتۇرىسىدىكى يولنى ئېچىپ بەرگەن ئىدى.

  2006- يىلى 7- ئاينىڭ 11- كۈنى، «خەلق ئوبزورچىسى: بىز ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى قانداق ئىپادىلەيمىز» ناملىق ئىجادىي ئوبزورلۇق ئەسەر 16- نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاخبارات مۇكاپاتىدا بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن. تا بۈگۈنگە قەدەر، خەلق تورى جەمئىي 11 قېتىم جۇڭگو ئاخبارات مۇكاپاتىنىڭ 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

  2006- يىلى 8- ئايدا، خەلق تورىنىڭ «يەرلىك رەھبەرلەرگە سۆز قالدۇرۇش بېتى» ئېچىلغان ئىدى، شۇندىن ئېتىبارەن، ئۇ، جەمئىيەت ئەھۋالى ۋە ئەل رايىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، مەسىلە ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى مەمۇرىيەت ئالاقە سۇپىلىرى ئىچىدە، ھازىرچە پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىغان بىردىنبىر ئالاقە تورى بولۇپ قالدى.

  2008- يىلى 6- ئاينىڭ 20- كۈنى، خەلق گېزىتى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى ھارپىسىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى خۇ جىنتاۋ خەلق تورىنىڭ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش مۇنبىرىگە كېلىپ، تورداشلار بىلەن توردا پاراڭلاشتى. بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى تۇنجى قېتىم تورداشلار بىلەن توردا پاراڭلاشقانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  2008- يىلىنىڭ ئاخىرى، خەلق تورى توكيودا ياپونىيەدىكى شۆبە شىركىتىنى قۇرۇپ، تۇنجى بولۇپ دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىپ، يەرلىكلەشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ھەمدە دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تورى ھېسابلىنىدىغان ئاخبارات تور بېكىتىگە ئايلانغان ئىدى. ھازىرغا قەدەر، خەلق تورىنىڭ چەت ئەللەردىكى شۆبە شىركەت ياكى ئىش بېجىرىش ئورنلىرى 11گە يەتتى.

  2010- يىلى 6- ئاينىڭ 20- كۈنى، خەلق گېزىتى ۋە يەر شارى ۋاقىت گېزىتى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە تەسىس قىلغان خەلق تورى پاي چەكلىك شىركىتى رەسمىي قۇرۇلدى.

  2012- يىلى 4- ئاينىڭ 27- كۈنى، خەلق تورى پاي چەكلىك شىركىتى شاڭخەي ئاكسىيە بېرژىسىدا ئۆز پايلىرىنى بازارغا سېلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى ئا تۈرلۈك پاي چېكى بازارغا سېلىنغان ئاخبارات تور بېكىتىگە ئايلانغان ئىدى.

  2013- يىلى 9- ئاينىڭ 7- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قازاقىستان نەزەربايېۋ ئۇنىۋېرسىتېتىدا مۇھىم نۇتۇق سۆزلىگەندە، خەلق تورى نەق مەيداندا ئۆز تورى ئارقىلىق بىۋاسىتە كۆرسىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن بىردىن بىر تاراتقۇ بولغان، ھەمدە ئالتە خىل تىلدا ماس قەدەمدە خەۋەر بەرگەن، شۇنداقلا، خەلق تورىنىڭ مىكرو بىلوگىدا ئەمەلىي ۋاقىتلىق نەق مەيدان خەۋىرى بەرگەن ئىدى.

  2014- يىلى 3- ئاينىڭ 29- كۈنى، خەلق تورىنىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى ئاخبارات تورى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان سىستېما، يەنى، مەملىكەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى بۇلۇت سۇپا سىستېمىسى رەسمىي ئېچىلدى.

  2014- يىلى 9- ئاينىڭ 29- كۈنى، جۇڭگو كومپارتىيەسى ئاخبارات تورى تەرىپىدىن قۇرۇلغان «ئۆگىنىش يولىدا__باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرى توغرىسىدىكى چوڭ تىپتىكى تور سانلىق مەلۇمات ئامبىرى»نىڭ تورغا چىقىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ، ئالاقە تورىدا تۇنجى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى شەكلى ئارقىلىق باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى تەشۋىق قىلغان مەخسۇس سەھىپە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  2015- يىلى 9- ئاينىڭ 3- كۈنى، چوڭ ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈلگەن ئەمەلىي ئەھۋال خەۋەر قىلىنغاندا، خەلق تورى "خەلق توردا" قاتارلىق تور بېكەتلىرى بىلەن بىرلىشىپ، «تورداشلار كەيپىياتىنى نامايان قىلىش»قا ئائىت چوڭ سانلىق مەلۇماتنى ئېلان قىلغان، ھەمدە تورداشلارنىڭ شۇكۈننىڭ تۆت سائەت ئىچىدىكى شىنلاڭ مىكروبىلۇگ سۇپىسىدا ئېلان قىلغان ھەربىي پاراتقا ئائىت تېمىلىرىنى توپلاپ تەھلىل قىلغان بولۇپ، تېما ئوقۇش مىقدارى ئىككى مىليارد 200 مىليوندىن ئاشقان.

  2016- يىلى 2- ئاينىڭ 19- كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ خەلق تورىنىڭ قويۇپ تارقىتىش ئۆيىدە تۇرۇپ، سىنلىق تارقىتىش ئۈسكىنىسى ئارقىلىق فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ نىڭدې چىشى كەنتىدە زىيارەتتە بولىۋاتقان مۇخبىر بىلەن ئالاقىلىشىپ، كەنتتىكى كادىر ۋە ئامما بىلەن توردا پىكىرلەشكەن ئىدى.

  2016- يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۈنى، خەلق تورى، جۇڭگو كومپارتىيەسى ئاخبارات تورى ۋە يانفون خەلق تورى قاتارلىق ئۈچ چوڭ تور بېكىتىنىڭ تور بەت يۈزى ئومۇميۈزلۈك ئۆزگەرتىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر