باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە ئوڭ قانات كۈچلىرىنىڭ خورىكى ئۆستى

مېھمانسارايغا نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىنى ئاشكارا ئىنكار قىلغان كىتابلار تىزىلدى

2017.01.19 14:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ياپونىيە APA مېھمانسارىيىنىڭ ياتىقىغا بۇ گۇرۇھنىڭ باشلىقى شىموتوتانى توشىئونىڭ نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى ۋە ھال سورىغۇچى ئاياللارنى ئىنكار قىلىپ يازغان كىتابى تىزىلغانلىقى تۈپەيلى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى ۋە تەنقىد قىلىندى.

  لېكىن، مەزكۇر مېھمانساراي ئۆزىنىڭ تور پونكىتىدا تەپ تارتماستىن: بۇ كىتابنى تىزىشتىكى مەقسەت مۇئەييەن بىر دۆلەت ۋە خەلقنى تەنقىد قىلىش بولماستىن، بەلكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەمەلىيەت ئاساسىدا ھەقىقىي تارىخىنى چۈشىنىشى ئۈچۈن، شۇڭا مېھمانسارىيىمىز مەيدانى ئوخشىماي تەنقىدكە ئۇچرىغانلىق سەۋەبىدىنلا بۇ كىتابنى ئېلىۋەتمەيدۇ، دېدى. ھەتتا تور بېتىگە يەنە نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك قىسمەن مەزمۇنلارنى چىقىرىپ، نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىنى جۇڭگونىڭ ئويدۇرۇپ چىقارغانلىقى، بۇنداق ئىشنىڭ ئەسلا مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

  مەزكۇر كىتاب ۋە تور پونكىتىدىكى مەزمۇنلارنىڭ بىمەنىلىكىنى دېمەي تۇرايلى، بىر مېھمانساراينىڭ مېھمانخانىغا چۈشكەن مېھمانلارغا تارىخىي تەربىيە بېرىش سالاھىيىتى بارمۇ؟ مېھمانساراينىڭ مەسئۇلىيىتى مېھمانلارغا قانداق قىلغاندا ياخشى ئارام ئالىدىغان مۇھىت يارىتىپ بېرىش، ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ ئويى ۋە تەشەببۇسىنى سىڭدۈرۈش ئەمەس.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر