خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 18-يانۋار جەنۋەنىڭ مىللەتلەر سارىيىدا 71-نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىنىڭ رەئىسى تومسېن بىلەن كۆرۈشكەندە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كۆپ تەرەپلىك يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ب د ت نىزامنامىسىنىڭ تۈپ مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى قوغداپ، ب د ت نىڭ دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى قوللايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ب د ت ئومۇمىيلىققا، ۋەكىللىك خاراكتېرىگە، نوپۇزغا ئىگە ھۆكۈمەتلەر ئارىسىدىكى خەلقئارا تەشكىلات بولۇپ، دۇنيانى تىزگىنلەشتە يادرولۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ھازىرقى ۋەزىيەتتە ب د ت نىڭ رولىنى كۈچەيتىشكە بولىدۇكى، ئاجىزلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. تۈرلۈك دۇنياۋى تەھدىت ۋە خىرىس ئالدىدا، قەتئىي كۆپ تەرەپلىك يولىدا مېڭىشى كېرەك. جۇڭگو ب د ت نىزامنامىسىگە تۇنجى بولۇپ ئىمزا قويغان دۆلەت، ب د ت نىڭ ئىشلىرىنى داۋاملىق قەتئىي قوللايدۇ، داۋاملىق ب د ت نىڭ مۇستەھكەم ھەمكارلاشقۇچى ھەمراھى بولىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى