باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى لى جىيەنشىننىڭ پارا ئېلىش ۋە زور مىقداردىكى مال-مۈلۈكنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولماسلىق دېلوسىغا 1- سوتتا سوت ئېچىلدى

2017.01.19 13:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باشقىلاردىن سەككىز مىليون 190 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پارا ئالغان، ھەمدە بەش مىليون 700 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق زور مىقداردىكى مال-مۈلۈكنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان، دەپ ئەيىبلەنگەنلىكتىن، 18- يانۋار، شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىرى لى جىيەنشىنگە 1- سوتتا ئوچۇق سوت ئاشتى.بۇ دېلو ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئەيىبلەنگەن بولۇپ، جاۋابكار لى جيەنشىن ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى دەۋاغا قاتناشتى.

  ئەيىبلىگۈچى ئورگان سوتنىڭ ئۆزىدە مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى كۆرسەتتى، جاۋابكار لى جيەنشىن ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى يۈزلەشتۈردى، ئەيىبلىگۈچى ۋە ئاقلىغۇچى تەرەپلەر سوتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تولۇق پىكىر بايان قىلدى.

  بۇ دېلو سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن قاراپ چىقىلغاندىن كېيىن، مۇۋاپىق ۋاقىت تاللاپ ھۆكۈم ئېلان قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر