باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا ھاۋا سۈپىتىنى ئاپتوماتىك كۆزىتىش پونكىتىدىن 124ى قۇرۇلدى

2017.01.20 11:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016- يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا(ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ھاۋا سۈپىتىنى ئاپتوماتىك كۆزىتىش پونكىتىدىن 124ى قۇرۇلدى. 2017- يىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى ناھىيە ۋە شەھەرلەرنىڭ ھاۋا سۈپىتىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرىنى تورلاشتۇرۇش ۋە ئېلان قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پىلانلىدى، بۇ يىل شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئاھالىلەر ھەر ۋاقىت تورغا چىقىپ ھاۋا سۈپىتىنى كۆرەلىشى مۇمكىن.

  17- يانۋار، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىتنى نازارەت قىلىش باش پونكىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2016- يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدىكى(ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 79 ناھىيە، رايون ۋە شەھەرلەردە ھاۋا سۈپىتىنى ئاپتوماتىك كۆزىتىش پونكىتىدىن جەمئىي 124ى قۇرۇلغان بولۇپ، سەككىز ناھىيە ئاپتوماتىك كۆزىتىش پونكىتىغا خېرىدار چاقىرىش خىزمىتىنى ئىشلەۋېتىپتۇ، ناھىيە ۋە شەھەرلەرنىڭ ھاۋانى ئاپتوماتىك كۆزىتىش پونكىتى بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى%82.9 ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر