باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ 2017-يىللىق يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىپ ھەم شىۋېيتسارىيەدىكى خەلقئارا تەشكىلاتلارنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى

2017.01.20 12:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ 2017-يىللىق يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىپ ھەم شىۋېيتسارىيەدىكى خەلقئارا تەشكىلاتلارنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى.

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ خۇنىڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى لى جەنشۇ، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى ياڭ جيېچى قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغانلار بىللە قايتىپ كەلدى.

  شى جىنپىڭ شۇ جاي ۋاقتى 18-يانۋار كەچتە، جەنۋەدىن ئايرىلىپ دۆلەتكە قايتىش سەپىرىگە ئاتلاندى. شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بېرسى، قىزىل كىرېست خەلقئارا كومىتېتىنىڭ رەئىسى مورلېيېر، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى چېنفېڭ فۇجېن، ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى باش ئىشتابىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى مىل قاتارلىقلار ئايرودۇرۇمغا بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر