باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە تۇنجى قېتىم تېز يەتكۈزۈشتىكى مەنئى قىلىنغان بۇيۇملار دائىرىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى

تېز يوللانما قىلىپ ئەۋەتىلگەن تاماكا ئىككى قاپتىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ

2017.01.20 11:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «تېز يەتكۈزۈشتە ئەۋەتىلگەن تاماكا ئىككى قاپتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، قان سۇيۇقلىقىدىن ياسالغان بۇيۇملارنى تېز يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئەۋەتشكە بولمايدۇ». 19- يانۋار دۆلەت پوچتا ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، دۆلەتلىك پوچتا ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار بىرلىشىپ، يېقىندا «ئەۋەتىش مەنئى قىلىنغان بۇيۇملارنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلىپ، ئېلىمىزدە تۇنجى قېتىم "ئەۋەتىش مەنئى قىلىنغان بۇيۇملار" ئۇقۇمىنىڭ مەنىسىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  مەزكۇر يېڭى بەلگىلىمىدە ئەۋەتىش مەنئى قىلىنغان بۇيۇملارغا قارىتا، بەلگىلىمىنى تەتبىقلاش دائىرىسى قاتارلىق كۆپ تەرەپتىن قېلىپلاشتۇرۇش خاراكتېرلىك ئېنىق بولغان تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەۋەتىش مەنئى قىلىنغان بۇيۇملارنىڭ يېتەكچى مۇندەرىجىسى ئېلان قىلىندى. دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان, جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزىدىغان, ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەر خىل بۇيۇملار، يەتكۈزۈش بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يتكۈزىدىغان، پارتلايدىغان، يېنىشچانلىق, چىرىتىش خۇسۇسىيىتى بولغان ۋە رادىئو ئاكتىپلىق ماددىلار دېگەندەك ھەر خىل بۇيۇملار، ھەمدە قانۇن-نىزاملار قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەردە ئەۋەتىش مەنئى قىلىنغان باشقا بۇيۇملارنىڭ ھەممىسى، ئەۋەتىش مەنئى قىلىنغان بۇيۇملار دائىرىسىگە كىرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىيازتۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر