باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق تورى خەۋىرى بىلەن قاپلىنىش دائىرىسى 130 مىليون ئادەم/قېتىمدىن ئېشىپ، تور ئەھلى دۇنيادىكى 210 دن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايونغا تارقالدى-پارتىيە گېزىتىنىڭ تارقىتىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، دەۋر تور ئىشلىرىنى ياخشى بايان قىلدى

2017.01.19 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائوس يېنىك بېسىلىپ، تور بېتى تېز ئايلاندى. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، خەلق تورى 20 ياشقا كىردى.

  1997-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى، خەلق گېزىتى تورى نۇسخىسى خەلقئارا ئالاقە تورىغا رەسمىي ئۇلىنىپ، ئوقۇرمەنلەرگە يۈزلىنىش تورداشلارغا مۇلازىمەت قىلىشقا ئۆزگەرتىلىپ، پارتىيە گېزىتى تاراتقۇسىنىڭ ئالاقە تورىغا كىرىش مۇساپىسى باشلاندى.

  2017-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى، خەلق تورى تەشكىللىگەن «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش» يېڭى يىلنى كۈتىۋېلىش پىيادە مېڭىش پائالىيىتىدە، 25 ئۆلكە 45 شەھەردىن كەلگەن 100 مىڭچە ئامما قول تۇتۇشۇپ يېڭى يىلنى كۈتىۋالدى، ئالاقىدار تاراتقۇ خەۋەرلىرىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۆرۈلۈشى 100 مىليوندىن ئاشتى.

  ھازىر خەلق تورى خەۋىرى بىلەن قاپلىنىش دائىرىسى 130 مىليون ئادەم/قېتىمدىن ئېشىپ، تور ئەھلى دۇنيادىكى 210 دن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايونغا تارقالدى؛ بۇنىڭ ئىچىدە يان تېلېفون خەلق تورىنى ئايدا مۇستەقىل كۆرگۈچىلەر 576 مىليوندىن ئاشتى.

  خەلق گېزىتىدىن بارلىققا كېلىپ، ئىسلاھات دەۋرىدە ئۆسۈپ يېتىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش دولقۇنىدا قەد كۆتۈردى. خەلق گېزىتى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ياڭ جېنۋۇ دېگەندەك: «خەلق تورى بوۋاقتىن تەدرىجى ئۆسۈپ يېتىلىپ بەستىلىك ياشقا، ئاساسىي مېلودىيە ‹چولپىنى›، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىدىغان ‹قىزىل تور› غا ئايلاندى، ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى پارتىيە گېزىتىنىڭ تارقىتىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئاساسىي ئېقىم ساداسىنى كۈچەيتىپ، تور ئېكولوگىيەسىنى ئۆزگەرتتى».

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر