باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2017.01.19 14:30         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  «ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  ئۇنۋان −− كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئىلىم، تېخنىكا سەۋىيەسى ۋە كەسپىي ئىقتىدارىنىڭ ئاساسلىق بەلگىسى. ئۇنۋان تۈزۈمى كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى باھالاش ۋە باشقۇرۇشتىكى ئاساسىي تۈزۈم بولۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ كەسپىي جەھەتتىن ئالغا بېسىشىغا مەدەت بېرىش، كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا تۆۋەندىكى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.

  1. ئومۇمىي تەلەپ

  (1) يېتەكچى ئىدىيە. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 -، 4 -، 5 -، 6 - ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى يېڭى ئۇقۇم، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىشنى مەۋقە قىلىش، پارتىيەنىڭ ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش، كەسپىي ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەپ، كەسىپ تۈرلىرىگە ئايرىشنى ئاساس قىلىپ، ئىلمىي باھالاشنى يادرو، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلىش، ئىلمىيلاشقان، قېلىپلاشقان، ئىجتىمائىيلاشقان ئۇنۋان تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى ئوبيېكتىپ، ئىلمىي، ئادىل باھالاشنى تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش.

  (2) ئاساسىي پىرىنسىپ

  −− تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش. ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ئىختىساسلىقلار قوشۇن قۇرۇلۇشى تەلىپىنى چۆرىدەپ، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ باھالاشتىكى «دىرىژور تايىقى»لىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش ھاياتىي كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوزغىتىپ ۋە ئۇرغۇتۇپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش.

  −− قائىدە - قانۇنىيەتلەرگە ئەمەل قىلىش، ئىلمىي باھالاشتا چىڭ تۇرۇش. ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئەخلاق، ئىقتىدار، نەتىجىنى يۆنىلىش قىلىش، باھالاش ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باھالاش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئوقۇش تارىخى، خىزمەت ئىستاژى، ماقالىنىلا ئاساس قىلىش خاھىشىنى ئۆزگەرتىپ، كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىغا ئىلمىي، ئوبيېكتىپ، ئادىل باھا بېرىپ، كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ۋاقتى ۋە زېھنىنى كەسىپنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىشقا سەرپ قىلدۇرۇپ، تۆھپە قوشقان ئىختىساسلىقلاردا مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرۈش.

  −− مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈرگە ئايرىپ ئىلگىرى سۈرۈش. ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئۇنۋان تۈزۈمىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر، بولۇپمۇ كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ئىنكاس قىلغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە توغرا تەدبىر قوللىنىش. ئوخشىمىغان ساھە، كەسىپ ۋە قاتلامدىكى كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەپ، تۈرگە ئايرىپ باھالاش.

  −− ئىشلىتىشنى ئاساس قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇش. ئىختىساس ئىگىلىرىنى ياخشى ئىشلىتىش، جانلىق ئىشلىتىشنى چۆرىدەپ، ئىختىساسلىقلارنى باھالاش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىختىساسلىقلارنى باھالاش بىلەن ئىشلىتىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى كەسپىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئىختىساسلىقلارنى تاللاپ ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش.

  (3) ئاساسىي نىشان. ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تۈزۈلمە سىستېمىسى مۇكەممەل بولماسلىق، باھالاش ئۆلچىمى ئىلمىي بولماسلىق، باھالاش مېخانىزمى مۇكەممەل بولماسلىق، باشقۇرۇش مۇلازىمىتى قېلىپلاشماسلىق ۋە يانداشماسلىق قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق ھەل قىلىپ، كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ، ئىقتىدار ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش. ئۈچ يىلدا قۇرۇلۇش، سەھىيە، يېزا ئىگىلىكى، بوغالتىرلىق، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىقى، ئىلمىي تەتقىقات قاتارلىق جەھەتلەردىكى بىر قاتار ئۇنۋان ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاش؛ بەش يىلدا قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، باھالىنىشى ئىلمىي، باشقۇرۇشى قېلىپلاشقان، ئايلىنىشى ماس، مۇلازىمىتى ئەتراپلىق ئۇنۋان تۈزۈمىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈش.

  2. ئۇنۋان تۈزۈمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش

  (4) ئۇنۋان سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھازىرقى ئۇنۋان سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش كېرەك. قۇرۇلۇش، سەھىيە، يېزا ئىگىلىكى، ئىقتىساد، بوغالتىرلىق، ئىستاتىستىكا، تەرجىمانلىق، ئاخبارات - نەشرىيات - رادىيو - كىنو - تېلېۋىزىيە، سەنئەت، ئوقۇتقۇچىلىق، ئىلمىي تەتقىقات قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئۇنۋان سىستېمىسىدىن داۋاملىق پايدىلىنىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ماس كەلمەيدىغان بىر قىسىم ئۇنۋان سىستېمىسىنى بىكار قىلىپ، كەسىپ خاسلىقى يېقىن كېلىدىغان ئۇنۋان سىستېمىلىرىنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك. ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى تەلىپىگە ماسلىشىپ، گۈللەنمە كەسىپ ساھەسىدە ئۇنۋان سىستېمىسى تەسىس قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. يېڭىدىن تەسىس قىلىنىدىغان ئۇنۋان سىستېمىسىنى مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى تەكشۈرگەندىن كېيىن، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشىغا يوللايدۇ. جايلار، تارماقلارنىڭ تەستىقلاتماي تۇرۇپ ئۆز ئالدىغا ئۇنۋان سىستېمىسى تەسىس قىلىشىغا بولمايدۇ. ئۇنۋان سىستېمىسىدا كەسىپ ساھەسىگە ئاساسەن مۇناسىپ كەسىپ تۈرى تەسىس قىلىشقا بولىدۇ.

  ئارمىيەدىكى كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ئۇنىۋېرسال كەسپىي ئۇنۋان باھالاشقا قاتناشقاندا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ؛ ئۆزئارا يېقىن كېلىدىغان كەسىپلەرنىڭ ئۇنۋانىنى باھالىغاندا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىنى ئاساس قىلسا بولىدۇ؛ ئالاھىدە كەسپىي ئۇنۋاننى باھالىغاندا ئارمىيەنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن باھالاش چارىسىنى بېكىتسە بولىدۇ، باھالاش نەتىجىسى دۆلەتنىڭ ئىختىساسلىقلارنى باھالاش - باشقۇرۇش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلىدۇ.

  (5) قاتلام بويىچە تەسىس قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھەر قايسى ئۇنۋان سىستېمىسىدا تۆۋەن، ئوتتۇرا، ئالىي ئۇنۋان تەسىس قىلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئالىي ئۇنۋان ئالىي ۋە كاندىدات ئالىي دەرىجىگە ئايرىلىدۇ، تۆۋەن ئۇنۋان ياردەمچى ۋە خادىم دەرىجىلىككە ئايرىلىدۇ، ئېھتىياجغا قاراپ ياردەمچى دەرىجە تەسىس قىلىشقىلا بولىدۇ. تېخى ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋان تەسىس قىلىنمىغان كەسپىي ساھەلەردە ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋان دەرىجىسى تەسىس قىلىنىپ، كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ كەسىپ جەھەتتىن تەرەققىي قىلىشىدىكى بوشلۇق كېڭەيتىلىدۇ.

  (6) ئۇنۋان تۈزۈمى ۋە كەسپىي سالاھىيەت تۈزۈمىنىڭ ئۈنۈملۈك جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كەسىپلەرنى تۈرگە ئايرىشنى ئاساس قىلىپ، ئۇنۋان تۈزۈمى ۋە كەسپىي سالاھىيەت تۈزۈمى رامكىسىنى بىر تۇتاش تەتقىق قىلىپ پىلانلاپ، ئارىلاشتۇرۇپ تەسىس قىلىشتىن ساقلىنىش، تەكرار باھالاشنى ئازايتىش، جەمئىيەتنىڭ ئادەم ئىشلىتىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. ئۇنۋان بىلەن كەسپىي سالاھىيەت زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان كەسپىي ساھەلەردە ئۇنۋان بىلەن كەسپىي سالاھىيەتنىڭ ئۆزئارا ماس كېلىش مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىپ، كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى كەسپىي سالاھىيەتكە ئېرىشسە، ئۇلار ھازىرلىغان مۇناسىپ سىستېما ۋە قاتلامدىكى ئۇنۋاننى ئېتىراپ قىلىش ھەم ئۇنى بىر دەرىجە يۇقىرى ئۇنۋانغا ئىلتىماس قىلىشنىڭ شەرتى قىلىش كېرەك. تۆۋەن، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئۇنۋانلاردا مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئىمتىھان ئېلىنىدىغان كەسىپلەردە مۇناسىپ ئۇنۋان باھالاش ياكى ئېتىراپ قىلىشنى بىكار قىلىش كېرەك.

  3. ئۇنۋان باھالاش ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش

  (7) ئەخلاقىي، ئەقلىي جەھەتتە تەڭ يېتىشكەن بولۇش، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئەخلاق - پەزىلەتنى كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى باھالاشتا ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ كەسىپ ئەخلاقىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈش كېرەك. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار شەخسلەرنىڭ خىزمەت دوكلاتى، تەكشۈرۈپ باھالاش دوكلاتى، ئەلرايىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ كەسىپ ئەخلاقى ۋە كەسپىي پائالىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك باھالاپ، ئىلمىي روھنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، ئەخلاق تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك. ئۇنۋان ئىلتىماسىنى باھالاش سەمىمىيەت ئارخىپى ھەم لەۋزىدە تۇرمىغانلار قارا تىزىملىكى تۈزۈمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۇنى مەملىكەت مىقياسىدا ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش سۇپىسىغا كىرگۈزۈش كېرەك. سەمىمىي ۋەدە بېرىش ھەم لەۋزىدە تۇرمىغانلارغا تەنبىھ بېرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلمىي ئىزدىنىش جەھەتتە ساختىلىق قىلغانلارنى «بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش تۈزۈمى»نى يولغا قويۇپ، ساختىپەزلىك قىلىش، يەڭ ئىچىدە سودىلىشىش قاتارلىق ئىنتىزام ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلار ئارقىلىق ئۇنۋان ئالغانلارنىڭ ئۇنۋانىنى بىردەك بىكار قىلىش كېرەك.

  (8) كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئىقتىدارى ۋە ساپاسىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا تۈرگە ئايرىپ باھالاش كېرەك. كەسىپ تەۋەلىكى ۋە ئىش ئورنى ئېھتىياجىنى ئاساس قىلىپ، ئۇنۋان باھالاش ئۆلچىمىگە سىستېمىلارغا ئايرىپ تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، دۆلەت ئۆلچىمى، رايون ئۆلچىمى ۋە ئىدارە ئۆلچىمىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ يولغا قويۇپ، كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ كەسپىي ئىقتىدارى، تېخنىكا ئىقتىدارى، ئەمەلىيەتچانلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى باھالاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى باھالاشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش كېرەك. ئۇنۋان باھالاشتا ئىلمىي ماقالە ۋە پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىگە قويۇلىدىغان شەرتلەرنى مۇۋاپىق تەسىس قىلىپ، ئىلمىي ماقالىنى ئەمەلىي كېرەكلىك ئىختىساسلىقلارنى باھالاشتىكى چەكلىمە خاراكتېرلىك شەرت قىلىۋالماسلىق كېرەك. جاپالىق، چەت، يىراق رايونلار ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقان كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىغا ئىلمىي ماقالە جەھەتتە تەلەپ قويماسلىق ياكى بۇ تەلەپنى بوشاشتۇرۇش؛ پاتېنتلىق نەتىجە، تۈر دوكلاتى، خىزمەت خۇلاسىسى، قۇرۇلۇش لايىھەسى، لايىھەلەش ئىسخېمىسى، ئوقۇتۇش لايىھەسى، كېسەللىك تارىخى قاتارلىق نەتىجىلەرنى ئىلمىي ماقالىگە قويۇلىدىغان تەلەپنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش؛ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسەر تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە ئىجادىي ئەسەرلەرنىڭ سۈپىتىنى نۇقتىلىق باھالاپ، ئىلمىي ماقالىنىڭ سانىغا قويۇلىدىغان تەلەپنى سۇسلاشتۇرۇش كېرەك. ئۇنۋان ئېلىشتا چەت ئەل تىلى ۋە كومپيۇتېردىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىدىن ئېلىنىدىغان ئىمتىھانغا بىر تۇتاش تەلەپ قويۇلمايدۇ. چەت ئەل تىلى ۋە كومپيۇتېردىن پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى باھالاش ھەقىقەتەن زۆرۈر بولسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ياكى باھالاش ئاپپاراتلىرى باھالاش شەرتىنى ئۆزى بېكىتىدۇ. جاپالىق، چەت، يىراق جايلار ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقان كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ھەم چەت ئەل تىلى، كومپيۇتېر سەۋىيەسىگە قويۇلىدىغان تەلەپ ئانچە يۇقىرى بولمىغان ئۇنۋان ۋە ئىش ئورۇنلىرىدا، چەت ئەل تىلى ۋە كومپيۇتېردىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىغا تەلەپ قويۇلمايدۇ.

  (9) كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ نەتىجە سەۋىيەسى ۋە ئەمەلىي تۆھپىسىنى گەۋدىلىك باھالاش كېرەك. كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغاندىكى خىزمەت ئۈنۈمى، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسى، تېخنىكا يېڭىلىقلىرى، پاتېنتى، نەتىجىسىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالى، تېخنىكىلارنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئۆلچەم تۈزۈش، تەدبىر تۈزۈپ مەسلىھەت بېرىش، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت قاتارلىق كۆرسەتكۈچلىرىنى تەكشۈرۈپ باھالاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى ئاساسىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى ئۇنۋان باھالاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىش كېرەك. چوڭ - چوڭ ئۇل تەتقىقاتلار ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، چوڭ قۇرۇلۇش تېخنىكىلىرىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تۈرلۈك ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ئالىي ئۇنۋاننى بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. چەت ئەلدىن كىرگۈزۈلگەن يۇقىرى قاتلامدىكى ئىختىساسلىقلارغا خىزمەت ئىستاژى، يىل چەكلىمىسى قاتارلىق جەھەتلەردە قويۇلىدىغان شەرت ۋە چەكلىمىلەرنى بوشاشتۇرۇپ، ئۇنۋان باھالاش يېشىل يولى ئېچىش كېرەك. ئۇزاقتىن بۇيان جاپالىق ھەم چەت، يىراق رايونلار ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە خىزمەت قىلغان كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۇنۋانىنى باھالىغاندا، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي خىزمەت نەتىجىسىنى باھالاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇش تارىخى ۋە ۋەزىپە ئۆتىگەن يىل سانىغا قويۇلىدىغان تەلەپنى مۇۋاپىق بوشاشتۇرۇش كېرەك.

  4. ئۇنۋان باھالاش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش

  (10) ئۇنۋان باھالاش شەكلىنى بېيىتىش كېرەك. كەسىپداش مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالىشى ئاساس قىلىنغان باھالاش مېخانىزمى ئورنىتىپ، بازارلاشتۇرۇپ باھالاش ۋە ئىجتىمائىيلاشتۇرۇپ باھالاش مېخانىزمىنى كىرگۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئۇل تەتقىقات ساھەسىدىكى ئىختىساسلىقلارنى باھالىغاندا كەسىپداشلارنىڭ ئىلمىي ساھەدىكى باھالىشىنى ئاساس قىلىش، ئەمەلىي تەتقىقات ۋە تېخنىكا ئېچىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىختىساسلىقلارنى باھالىغاندا بازار ۋە جەمئىيەتنىڭ باھاسىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش، پەلسەپە ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىختىساسلىقلارنى باھالىغاندا كەسىپداشلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ھەم ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى ئاساس قىلىش كېرەك. ئالاھىدە ئىختىساسلىقلارنى ئالاھىدە شەكىل ئارقىلىق باھالاش كېرەك. شەرت - شارائىتى يار بېرىدىغان رايونلارنى ئۆز ئالدىغا ئاساسىي قاتلام كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۇنۋانىنى باھالاش كومىتېتى ياكى باھالاش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئۇنۋان باھالاشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ئىمتىھان ئېلىش، باھالاپ بېكىتىش، تەكشۈرۈپ باھالاشنى بىرلەشتۈرۈش، تەكشۈرۈپ بېكىتىش، شەخسىي خىزمەت دوكلاتى بېرىش، يۈزتۇرا دىسسېرتاتسىيە ياقلاش، ئەمەلىي مەشغۇلات، نەتىجىلەرنى كۆرەك قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل باھالاش شەكىللىرىنى قوللىنىپ، ئۇنۋان باھالاشنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئىلمىيلىكىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  (11) ئۇنۋانى باھالىنىدىغانلارنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. نوپۇس، رايون، سالاھىيەت، ئارخىپ، كادىرلار مۇناسىۋىتى قاتارلىق چەكلىمىلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، قولايلىق شارائىت يارىتىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە ئەركىن كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۇنۋان ئىلتىماس قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. پەن - تېخنىكا، مائارىپ، داۋالاش، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەرنىڭ پۇقراۋى ئاپپاراتلىرىدا خىزمەت قىلىدىغان كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ئۇنۋان باھالاشتا ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىدىكى كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى بىلەن باراۋەر مۇئامىلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات يۇرتى )ئورنى(، داۋالاش ئورنى قاتارلىق كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى تەستىق ئارقىلىق ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ ئىگىلىك تىكلىگەن ياكى قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ئۈچ يىل ئىچىدە ئەسلىدىكى ئىدارىسىدە بەلگىلىمە بويىچە نورمال ئۇنۋان ئىلتىماس قىلىشقا، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىگەن ياكى قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدىكى خىزمەت نەتىجىسىنى ئۇنۋان باھالاشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولىدۇ. يۇقىرى تېخنىكا ئىقتىدارىغا ئىگە ئىختىساسلىقلار ۋە قۇرۇلۇش تېخنىكىسى ئىختىساسلىقلىرىنى كەسىپ جەھەتتىن تەرەققىي قىلدۇرۇش يوللىرىنى ئېچىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقىرى تېخنىكا ئىقتىدارىغا ئىگە ئىختىساسلىقلارنى قۇرۇلۇش تۈرىدىكى كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۇنۋان باھالىشىغا قاتناشتۇرۇشقا بولىدۇ. ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئىشقا ئورۇنلاشقان شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋە تەيۋەنلىك كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى، چەت ئەللىكلەر مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش گۇۋاھنامىسى ياكى جايلار تارقىتىپ بەرگەن چەت ئەللىك يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلار ئولتۇراقلىشىش گۇۋاھنامىسى بار چەت ئەللىك خادىملار بەلگىلىمە بويىچە ئۇنۋان باھالاشقا قاتناشسا بولىدۇ. دۆلەت مەمۇرلىرى كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۇنۋان باھالىشىغا قاتناشسا بولمايدۇ.

  (12) ئۇنۋان باھالاشنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كەسىپچانلىقى كۈچلۈك، جەمئىيەتتە قوللىنىش دائىرىسى كەڭ، ئۆلچەملىشىش دەرىجىسى يۇقىرى ئۇنۋان سىستېمىسىدىكىلەر ۋە باھالاش ئىقتىدارىنى ھازىرلىمىغان ئورۇنلار بىر قەدەر كۈچلۈك مۇلازىمەت ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ھازىرلىغان كەسىپلەشكەن ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىغا، شۇنداقلا كەسپىي جەمئىيەت قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا تايىنىپ، ئىجتىمائىيلاشقان باھالاش ئاپپاراتى قۇرۇپ ئۇنۋان باھالايدۇ. شەخسلەر ئۆز ئالدىغا ئىلتىماس قىلىدىغان، بىر كەسىپتىكىلەر ئادىل باھالايدىغان، ئىدارە ئەلالىرىنى تاللاپ ئىشلىتىدىغان، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك ۋە نازارەت قىلىدىغان ئىجتىمائىيلاشقان باھالاش مېخانىزمى ئورنىتىش، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ھەم گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ ئۇنۋان باھالاش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ۋە ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

  (13) ئۇنۋان باھالاشنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئۇنۋان باھالاش كومىتېتلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، ئەنگە ئېلىشنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باھالاش كومىتېتى باھالايدىغان كەسىپ ۋە خادىملارنىڭ دائىرىسىنى ئېنىق بېكىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەنگەن ئۇنۋان باھالاش كومىتېتلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىش كېرەك. باھالاش مۇتەخەسسىسلىرىنى تاللاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باھالاش مۇتەخەسسىسلىرى ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، كەسپىي ئىلمىي جەمئىيەتلەر، كارخانا مۇتەخەسسىسلىرىنى پائال قوبۇل قىلىپ، جانلىق باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش كېرەك. ئۇنۋان باھالاش كومىتېتلىرىنىڭ خىزمەت تەرتىپى ۋە باھالاش قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باھالاش ئىنتىزامىنى چىڭىتىش، باھالاش كومىتېتىدىكى خادىملار ۋە باھالاش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، باھالاپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى قايتىدىن تەكشۈرۈپ سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەك. ئۇنۋان باھالاشنى ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، سىياسەت، ئۆلچەم، تەرتىپ ۋە نەتىجىنى ئاشكارىلاش كېرەك. كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى ھوقۇقىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئۆزى ياكى باشقىلارنىڭ ئۇنۋان ئېلىشىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ. ئۇنۋان باھالاشتا ئۆزىنى چەتكە ئېلىش تۈزۈمى، ئېلان قىلىش تۈزۈمى ھەم كومپيۇتېردا ئارىلاپ تەكشۈرۈش، سەييارە تەكشۈرۈش تۈزۈمى، قايتا تەكشۈرۈش، ئىنكاس قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، باھالاشنىڭ بارلىق جەريانىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئورۇن (كەسىپلەر) ئىنتىزامچان بولۇش، جەمئىيەت نازارەت قىلىشتەك ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئورنىتىش كېرەك. ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ پايدا ئېلىش مەقسىتىدە ئۇنۋان باھالىشىنى قاتتىق مەنئى قىلىپ، ئۇنۋان باھالاشنىڭ پاراۋانلىق خاراكتېرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، باھالاش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى ھەم ئۆزىنى ئۆزى چەكلەش ۋە تاشقى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش كېرەك.تۈرلۈك ئۇنۋان باھالاش، ئىمتىھان ئېلىش، گۇۋاھنامە بېرىش ۋە ھەق ئېلىش ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە ئېنىقلاپ قېلىپلاشتۇرۇپ، ساختا تور پونكىتى تەسىس قىلىش، ساختا گۇۋاھنامە ياساش ۋە سېتىش قاتارلىق ئىنتىزام ۋە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى زور كۈچ بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئىمتىھاندا كۆز بويامچىلىق قىلىش، ساختا ئۇنۋان باھالاش، ئۇنۋان باھالاش تەرتىپىنى قالايمىقان قىلىش، كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا زەربە بېرىش كېرەك.

  5. ئۇنۋان باھالاش ۋە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ ئىشلىتىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش

  (14) ئۇنۋان تۈزۈمى بىلەن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش تۈزۈمىنى ئۈنۈملۈك ماسلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۇنۋان تۈزۈمىنىڭ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەسپىي تېخنىكا ساھەسىدىكى ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياج بىلەن كەسپىي ئۆلچەمنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، قۇرۇلۇش، سەھىيە، ئىقتىساد، بوغالتىرلىق، ئىستاتىستىكا، مۇپەتتىشلىك، مائارىپ، تەرجىمە، ئاخبارات - نەشرىيات - رادىيو - تېلېۋىزىيە - كىنو قاتارلىق كەسپىي ساھەلەردە ئۇنۋان تۈزۈمى بىلەن ماسلاشقان كەسپىي ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئىگە ئاسپىرانتلارنى تەربىيەلەش تۈزۈمىنى تەدرىجىي تەسىس قىلىپ، نۇقتىلىق كەسىپلەر، مۇھىم ساھەلەردىكى كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش؛ ئۇنۋان باھالاشنى كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى داۋاملىق تەربىيەلەش تۈزۈمى بىلەن ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ بىلىمىنى يېڭىلاش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك.

  (15) ئۇنۋان تۈزۈمى بىلەن ئادەم ئىشلىتىش تۈزۈمىنى ئۈنۈملۈك ماسلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنۋان باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن، كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى مۇۋاپىق ئىشلىتىپ، ئۇنۋان باھالاش نەتىجىسىنىڭ ھەر خىل كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تەكلىپ قىلىش، باھالاش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئادەم ئىشلىتىش تۈزۈمى بىلەن باغلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىش ئورنى بويىچە باشقۇرۇلىدىغان، كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئىلمىي تېخنىكا سەۋىيەسى بىلەن ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان كەسپىي ئورۇنلارغا قارىتا، ئادەتتە ئىش ئورنى قۇرۇلمىسى نىسبىتى ئىچىدە ئۇنۋان باھالاش يولغا قويۇلىدۇ. ئىش ئورنى بويىچە باشقۇرۇلمايدىغان ئورۇنلار ھەمدە ئۇنىۋېرساللىقى كۈچلۈك، كەڭ تارقالغان ھەر قايسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئۇنۋان سىستېمىسى بىلەن گۈللەنمە كەسىپلەرگە قارىتا، باھالاش بىلەن تەكلىپ قىلىشنى ئايرىۋېتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك. ئىشلىتىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ خاسلىقى، ئورۇننىڭ خاراكتېرى ۋە ئىش ئورنىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ، باھالاش بىلەن تەكلىپ قىلىشنىڭ باغلىنىش مۇناسىۋىتىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، باھالاش ئارقىلىق ئىشلىتىش، ئىشلىتىش ئارقىلىق باھالاشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. باھالاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەكلىپ قىلىنغاندىن كېيىنكى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىش جەريانىدا خادىملارنىڭ ھەم چىقالايدىغان، ھەم چۈشەلەيدىغان بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  6. ئۇنۋان باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئۇسۇلىنى ياخشىلاش

  (16) ئۇنۋان باھالاش ھوقۇقىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش كېرەك. مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى سەرخىللاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئۇنۋان باھالاش خىزمىتىدە ماكرولۇق باشقۇرۇش، جامائەت مۇلازىمىتى، ئىش جەريانىدا ۋە ئىشتىن كېيىنكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەستىقلاش تۈرلىرى، مىكرو جەھەتتىن باشقۇرۇش ۋە خوجىلىق خىزمىتىنى ئازايتىشى كېرەك. ئادەم ئىشلىتىش سۇبيېكتىنىڭ ئۇنۋان باھالاشتىكى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇنۋان باھالاش ھوقۇق دائىرىسىنى ئىلمىي بېكىتىش ۋە مۇۋاپىق تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئۇنۋاننىڭ ئومۇمىي سانى، قۇرۇلمىسىنى ماكرولۇق تەڭشەپ، ئالىي ئۇنۋاننى باھالاش ھوقۇقىنى تەدرىجىي ھالدا شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان شەھەر، ۋىلايەت ياكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا چۈشۈرۈپ، ئالىي مەكتەپلەر، دوختۇرخانىلار، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، چوڭ كارخانىلار ۋە ئىختىساسلىقلار كۆجۈملەشكەن باشقا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە مۇستەقىل ئۇنۋان باھالىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مۇستەقىل باھالاشنى يولغا قويغان ئورۇنلارغا قارىتا، ھۆكۈمەت باھالاش نەتىجىسىنى قايتا تەستىقلىمايدۇ، بۇ، ئىشتىن كېيىنكى رويخەتكە ئېلىپ باشقۇرۇشقا ئۆزگەرتىلىدۇ. مۇستەقىل باھالاش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، باھالاش ھوقۇقىنى توغرا ئىشلەتمىگەن، باھالاش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلالمىغانلارنىڭ ئۆز ئالدىغا باھالاش خىزمىتىنى باھالاپ بېكىتىش ھوقۇقى قايتۇرۇۋېلىنغانغا قەدەر ۋاقتىنچە توختىتىش كېرەك.

  (17) جامائەت مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، ئۆتۈشچانلىق، تەڭپۇڭ بولۇش تەلىپى بويىچە رايون، مۈلۈكچىلىك، سالاھىيەت قاتارلىق چەكلىمىلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، ھوقۇق، شەرت، پۇرسەت باراۋەر بولغان ئۇنۋان باھالاش مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇپ، ئۇنۋان ئىلتىماس قىلىش رەسمىيىتىنى ۋە تەكشۈرۈپ بېكىتىش ھالقىسىنى ئىخچاملاش كېرەك. كەسىپلەشكەن ئىمتىھان ئېلىپ باھالاش ئاپپاراتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇنۋان باھالاش ئىمتىھانىغا دائىر ئۇچۇرلاشقان باھالاش سىستېمىسى تەسىس قىلىپ، ئۇنۋان گۇۋاھنامىسىنى سۈرۈشتۈرۈش، ئىسپاتلاش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئەمەلىي قوللىنىشچان، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلگەن، ئىجتىمائىي ئۇنىۋېرساللىقى كۈچلۈك ئۇنۋان سىستېمىسىنى تاللاش، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي بىلەن ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش قاتارلىق دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە تايىنىپ، رايون ھالقىغان ئۇنۋاننى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش ئۇسۇلى جەھەتتە پائال ئىزدىنىش كېرەك. شارائىت پىشىپ يېتىلگەن ساھەلەردە كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى باھالاش نەتىجىسىنى خەلقئارادا ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.

  (18) رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنۋان خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە باشقا تەشكىلىي ئاپپاراتلار ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، سىياسەت تەتقىقاتى، ماكرولۇق يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى كەسىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن بىللە ئۇنۋان سىياسىتىنى تۈزۈش، تۈزۈم تۇرغۇزۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ماسلىشىش ۋە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولۇشى؛ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ كەسپىي ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى باھالاش ئۆلچىمىنى تۈزۈشكە قاتناشتۇرۇپ، كونكرېت باھالاش خىزمىتىنى تەرتىپلىك ئۈستىگە ئېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش؛ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتىش سۇبيېكتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز ئورنىدا ئىش ئورنى تەسىس قىلىش ۋە خادىملارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئۇنۋان باھالاشنى ئۆزئارا تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ ياكى ئۆز ئورنىدىكى كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى ئۇنۋان باھالاشقا قاتنىشىشقا نامزاتلىققا كۆرسىتىپ، باھالاش نەتىجىسى بىلەن ئىشلىتىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  جايلار، تارماقلار ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىملىقى، مۇرەككەپلىكى، نازۇكلۇقىنى تولۇق تونۇپ، ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىللە يانداش تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقىپ، ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى سىستېمىلىق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جايلار، تارماقلار چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كونكرېت يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىپ، تۈرلەرگە ئايرىپ ئىلگىرى سۈرۈش، سىناق قىلىپ ئالدىن يولغا قويۇش، مۇقىم يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات جەريانىدا يولۇققان زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. ئۇنۋان باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۇنۋانغا دائىر سىياسەت، قانۇن - بەلگىلىمە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، سىياسەتنى ياخشى چۈشەندۈرۈپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى چوڭقۇر، تەپسىلىي ئىشلەپ، بارلىق كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پائال قوللىشى ۋە ئۇنىڭغا ئىشتىراك قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىسلاھاتنىڭ مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ۋە ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر