باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ ئەتىسىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقايلى

2017.01.19 14:33         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭنىڭ ئەتىسىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىڭلار». بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ قىزى توختىخان قۇربانغا يازغان جاۋاب خېتىدە ئېيتىلغان سەمىمىي ئۈمىدى بولۇپ، ئۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ۋە سەمىمىي ئۈمىدىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. بۇ، ھەم شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ كۈچلۈك ئارزۇسى بولۇپ، بىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە غايەت زور ئىلھام ۋە تۈرتكە بولدى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا ئىزچىل ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، غەمخورلۇق قىلىپ، قوللاپ كەلدى، شىنجاڭ پارتىيەنىڭ نۇرىغا چۆمۈلدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى، چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىش نەزەرىيەسىگە ئىجادىي ۋارىسلىق قىلدى ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇردى، شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ۋە ئومۇميۈزلۈك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ لايىھەلەپ، پارتىيەمىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەشنىڭ نىشانىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، تۈپ مىزانغا ئىگە قىلدى.باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىدىكى بىزدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئەستە ساقلاپ ۋە ئۇنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى يەردە قويماي، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.

  سەمىمىي غەمخورلۇق ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇردى، كۈچلەرنى مۇجەسسەملەشكە زور ئىلھام بولدى. ۋەزىپىنىڭ قانچىلىك ئېغىر، قانچىلىك جاپالىق ۋە خەتەرلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى، زور نەتىجىلەرنى يارىتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە قويغان تەلەپلىرىنى ئورۇنداپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاشقا ئىشەنچىمىز كامىل.ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيىدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ تۈپ تەلىپى بېكىتىلدى: «بىر باش نىشان»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «بىر ھاياتلىق جان تومۇرى»نى سىڭدۈرۈپ، «ئىككى مۇھىم نۇقتا»نى ئىگىلەپ، «بىر يۈرۈش مېخانىزم»نى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كۈرەش نىشانىنى، نامراتلارنى ئۆز قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى، ئېكولوگىيەلىك ياخشى مۇھىت بەرپا قىلىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدە ياخشى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.شىنجاڭ خىزمىتى ھازىر يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇۋاتىدۇ، پائال، ياخشى، خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلمەكتە. ئەمما، بىز دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت جىددىي ۋە مۇرەككەپ، ۋەزىپە مۈشكۈل، مەسئۇلىيەت ئېغىر، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدا يەنە تۈرلۈك خىرىسلار مەۋجۇت، بولۇپمۇ «شىنجاڭنىڭ ئىزچىل ھالدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى بازىسى ۋە ئاساسىي جەڭ مەيدانى» ئىكەنلىكىنى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكىنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەك.

  نىشان ئايدىڭلاشتى، ۋەزىپىلەر بېكىتىلدى، ئەمدىكى ئاچقۇچ پولاتتەك قاتتىق مەسئۇلىيەت، پولاتتەك قاتتىق ئىنتىزام، پولاتتەك قاتتىق ئىرادە بىلەن باش نىشاننى مەركەز قىلىپ، باش نىشاننى چۆرىدەپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئومۇمىي پىروگرامما، كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە بىر تۇتاش يېتەكچىلىك قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، دېموكراتىك بولۇش، قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىڭتۈەننىڭ ئالاھىدە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش كېرەك.

  مۇقىملىق، تەرەققىيات ۋەزىپىلىرىنى، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، چوقۇم ئەمەلىي ئىشلەشنى قوللاپ، مىنۇت - سېكۇنتنى قەدىرلەپ، تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بوشاشتۇرۇپ قويماي، ياخشى ئىستىلىمىز ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرلىرى ۋە قارار - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا يىلتىز تارتىپ مېۋە بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. تىرىشىپ ئىناق - ئىتتىپاق، باي - باياشات، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، سەمىمىي غەمخورلۇقى بولغاچقا ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىر نىيەتتە بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلغاچقا، بىز نىشانىمىزنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايمىز، شىنجاڭنىڭ ئەتىسى تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ!


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر