باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «يېڭى ۋەزىيەتتىكى سىياسىي قانۇن قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2017.01.19 14:36         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «يېڭى ۋەزىيەتتىكى سىياسىي قانۇن قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەردىن «پىكىر»نى يولغا قويۇشتىكى تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشنى، جايلار، تارماقلاردىن ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، «پىكىر»دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  «پىكىر» يەتتە بۆلەك، 26 ماددىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى سىياسىي قانۇن قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، نىشان - ۋەزىپىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، سىياسىي قانۇن قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتىكى سىياسەت - تەدبىرلەر بېكىتىلدى.

  «پىكىر» دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەپەككۇر، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش، جەمئىيەتنىڭ ئادىل - ھەققانىيلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش باش ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، سىياسىيدا، كەسىپتە، مەسئۇلىيەتتە، ئىنتىزامدا، ئىستىلدا قاتتىق سىناقتىن ئۆتەلەيدىغان بولۇش ئومۇمىي تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى مۇنتىزىملاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈش، مەخسۇسلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەۋى سىياسىي، كەسپىي ئىقتىدار، ئىنتىزام - ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېتىقادى مۇستەھكەم، خەلق ئۈچۈن قانۇن ئىجرا قىلىدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان، پاك - دىيانەتلىك سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئىدىيەۋى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. مۇستەھكەم غايە ۋە ئېتىقادنى سىياسىي قانۇن قوشۇنىنىڭ سىياسىي روھى قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، سىياسىي قانۇن خىزمىتىنىڭ مۇستەھكەم، توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ مۇتلەق سادىق بولغان سىياسىي پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە نۆۋەتلەشتۈرۈپ تەربىيەلەش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسىي تەپتىش قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قانۇن خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ سىياسىي قانۇن كەسپىي روھىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، سادىق بولۇش، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش، ئادىل، پاك بولۇش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان سىياسىي قانۇن كادىر - ساقچىلىرىنىڭ يادرولۇق قىممەت قارىشى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىي قانۇن كەسپىي شان - شەرەپ تۈزۈمىنى دۆلەت شان - شەرەپ تۈزۈمى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئىلغار تىپلارنى تۇرغۇزۇش، مۇنەۋۋەر سىياسىي قانۇن كادىر - ساقچىلىرىنى تەقدىرلەشنى دائىملاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسىي قانۇن كادىر - ساقچىلىرىنىڭ كەسپىي شان - شەرەپ ئېڭى ۋە تەۋەلىك ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك.«پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. تۈرلۈك قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش خادىملىرىنىڭ ئىش ئورنى ساپاسى، ئىقتىدارى ئاساسىي ئۆلچىمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن بولغان سىياسىي قانۇن كادىر - ساقچىلىرىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى باھالاش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش، مائاش - تەمىناتى، شان - شەرەپ ئارقىلىق ئىلھاملاندۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىقتىدار ۋە كەسپىي نەتىجە يۆنىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. ئوقۇتۇش، ئۆگىنىش، مەشىق قىلىش، جەڭ قىلىش بىر گەۋدىلەشكەن تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ياش سىياسىي قانۇن كادىر - ساقچىلىرىغا كەسپىي يېتەكچى ئوقۇتقۇچى قويۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىش ئورنىدا كەسپىي مەسلىھەت بېرىش ۋە مەسلىھەت سوراش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش كەسپىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش؛ ئاساسىي مەقسەت ئېڭى ۋە ئاممىۋى قاراشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي قانۇن كادىر - ساقچىلىرىنى شارائىتى جاپالىق، ئەھۋالى مۇرەككەپ، زىددىيەت مەركەزلەشكەن جايلار ۋە ئورۇنلارغا بېرىپ چېنىقىش ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش؛ پەن - تېخنىكىدا كۈچلۈك ساقچىلاردىن بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، سېپىرلاشقان، ئەقىل - پاراسەت تىپىدىكى سىياسىي قانۇن ئورگىنى قۇرۇپ، كەسىپتە پىشقان، قانۇنغا پىششىق، پەن - تېخنىكىنى بىلىدىغان كۆپ ئىقتىدارلىق زور بىر تۈركۈم ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش؛ تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەشۋىق قىلىش، ئىستېرېئولۇق تارقىتىش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، سىياسىي قانۇن تەشۋىقاتى، جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكى خىزمىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقە تورى دەۋرىدىكى سىياسىي قانۇن كادىر - ساقچىلىرىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىچىلىك ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. سىياسىي قانۇن مەخسۇس ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي قانۇن مەخسۇس ئىختىساسلىقلىرىنى پەرقلىق باشقۇرۇش چارىسىنى تۈزۈپ چىقىش كېرەك.

  «پىكىر» دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئىنتىزام، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىنتىزامنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنتىزام ئۇستاپىنى سىستېمىلارغا بۆلۈپ تۈزىتىش كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىش ئورنى، خىزمەت ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىنى چەتلەپ تۇرۇش تۈزۈمىنى، سىياسىي قانۇن كادىر - ساقچىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارنى بالدۇر بايقاش، بالدۇر ئەسكەرتىش، بالدۇر تۈزەش؛ ئىستىلدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى داۋاملىق تۈزەپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى قەتئىي تۈزىتىپ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش قىلمىشلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ تۈزەپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشتە ئادىل بولماسلىق مەسىلىلىرىنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش ئىستىلىنى ياخشىلاشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش؛ ھوقۇقنى چەكلەپ تۇرۇش، نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسىي قانۇن كادىر - ساقچىلىرىنىڭ ھوقۇق تىزىملىكى، مەسئۇلىيەت تىزىملىكىنى تۈرگە ئايرىپ تۈزۈپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشنى ئومۇميۈزلۈك، كەڭ دائىرىلىك ئاشكارىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ھوقۇقى ھەرىكىتىنىڭ يېڭى مېخانىزمىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان نازارەت قىلىش ۋە چەكلەپ تۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش جەھەتتىكى چىرىكلەشكەنلەرنى قەتئىي جازالاپ، ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش، خىيانەت قىلىپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش، ئەدلىيەدە دەللاللىق قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ساقچىلارنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرىدىغان قويۇق كەيپىياتنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: سىياسىي قانۇن رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. سادىق، ئىشەنچلىك ۋە قانۇننى بىلىش، قانۇننى چۈشىنىشنى زۆرۈر شەرت قىلىپ، سىياسىي قانۇن رەھبەرلىك بەنزىسىنى ياخشى تاللاپ ۋە كۈچلۈك سەپلەپ، سىياسىي قانۇن رەھبىرىي كادىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كادىرلارنى تەربىيەلەش ۋە چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  «پىكىر» دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: كەسپىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىش ھەققى تەمىناتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ 1 - سېپىدىكى دېلو بېجىرگۈچى خادىملارغا مايىللاشقان رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش؛ خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشنى قوغداش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زوراۋان كۈچلەرنىڭ ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش، قانۇنغا قارشى چىقىش قاتارلىق قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشكە دەخلى يەتكۈزىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش؛ نەپىقە بېرىش، ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي قانۇن كادىر - ساقچىلىرىنىڭ داۋالىنىش كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، سودىيە، تەپتىش، خەلق ساقچىلىرىنى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇش تۈزۈمىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، كادىر - ساقچىلارنىڭ دەم ئېلىش ھوقۇقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ ئاساسىي قاتلام كاپالەت سالمىقىنى زورايتىپ، ئادەم، مال - مۈلۈكنى ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇرۇش سىياسەت كاپالىتى سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، نامۇۋاپىق باھالاش كۆرسەتكۈچىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يەڭگىللىتىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر