خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 18-يانۋار جەنۋەدە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى زىيارەت قىلدى ھەم دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى چېنفېڭ فۇجېن بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سەھىيە مەسىلىسى يەر شارى خاراكتېرلىك خىرىسقا دۇچ كەلدى. دۇنيا سەھىيە ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش 2030-يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. جۇڭگو ھازىر ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ، ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقى جۇڭگونىڭ «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىشىنىڭ ئاساسى. ئومۇمىي خەلق ساغلام بولمىسا، ئومۇمىي خەلقنى ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزگىلى بولمايدۇ، جۇڭگو سەھىيە ئىشلىرىنى باشتىن-ئاخىر ھەممىدىن ئاۋۋال تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ كەلدى. بىز دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتى تورى بەرپا قىلىپ، «<ساغلام جۇڭگو 2030> يىرىك پىلان پىروگراممىسى»نى تۈزۈپ چىقتۇق. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىغا كەسپىي جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرىشىنى قارشى ئالىمىز.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى